بۈگۈن سوت ئېچىلىدۇ! ئادەم سودىگىرى يۈ خۇايىڭ ئالداپ ساتقان بالىلارنىڭ سانى 17 گە يەتكەن دەپ ئەيىبلەندى
10-ئاينىڭ 11-كۈنى، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يۈ خۇايىڭنىڭ بالىلارنى ئالداپ سېتىش دېلوسىغا گۇيجوۋ ئۆلكىسى گۇيياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا قايتا سوت ئاچتى، بۇ، يۈ خۇايىڭنىڭ 2-قېتىم بۇ يەردە سوتلىنىشى.
چۈشتىن بۇرۇن، ئادەم سودىگىرى يۈ خۇايىڭ قاماقخانىدىن گۇيياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ بېرىلىپ، بۈگۈنكى سوتقا قاتناشتۇرۇلدى.
ئادەم سودىگىرى يۈ خۇايىڭنىڭ بالىلارنى ئالداپ سېتىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلوسى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 10 دا گۇيياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە 1-سوتتا قايتا سوت ئېچىلىدۇ. يۈ خۇايىڭ ئالداپ ساتقان بالىلارنىڭ سانى 11 دىن 17 گە كۆپەيدى دەپ ئەرز قىلىنغان.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
نىڭشيادا بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى
نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى: باھا تۆۋەنلىتىلىدۇ
مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى
جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى
ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك