مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ 2025-يىللىق ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 14-كۈنى دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ 2025-يىللىق ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش باشلىنىش ئالدىدا بولۇپ، جەمئىي 39 مىڭ 700 ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانلانغان.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 10-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 8:00 دىن 10-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 18:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا «مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ 2025-يىللىق ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش مەخسۇس تور بېكىتى» (http://bm.scs.gov.cn/kl2025)گە چىقىپ توردا تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ، ئاممىۋى پەنلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى مەملىكەتتىكى ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، ئۆلكىلەرنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى، ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەركىزىي شەھىرى ۋە قىسمەن شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ تېلېۋىزور كۆرۈشتىكى بۇ مەسىلە ھەل بولدى
◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟