ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ خاتا ئۇسۇلنى دەرھال تۈزىتىشى كېرەك

时事   2024-10-12 09:01   北京  

جۇڭگو تەرەپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا كۈچلۈك سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى!

10-ئاينىڭ 9-كۈنى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار سودا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا تالاش-تارتىش قىلىش توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

سوئال: بەزى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ بىراندى ھارىقىغا قاراتقان تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش تەدبىرى ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا «كۈچلۈك ئەرز قىلىدۇ». بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلدۇقكى، جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللارغا ئالاقىدار ياردەم تولۇقلىمىسىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرىگە قارىتا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى. بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز ؟

جاۋاب: جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىشلىنىپ ئىمپورت قىلىنغان بىراندى ھارىقىغا قارىتا تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدۇ، بۇ، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن قانۇن بويىچە باشلانغان تەكشۈرۈش ھەم قوللانغان ھەققانىي سودا قۇتقۇزۇش تەدبىرى بولۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە تامامەن ئۇيغۇن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ياۋروپا تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا ياردەم تولۇقلىمىسىغا قارشى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كەسىپ ئىلتىماسىغا ئۇيغۇنلىشىش ئەمەس، ئەمەلىيەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار ئەزا دۆلەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ كەسىپلىرىمۇ بۇنىڭغا بىرقەدەر چوڭ قارشى پىكىردە بولغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ئالاقىدار تەدبىرلىرىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل، بۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە روشەن خىلاپ بولۇپ، سودىدا قۇتقۇزۇش نامى بىلەن، سودا قورۇقچىلىقىنى يولغا قويغانلىق. دۆلىتىمىزنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ھەققانىي تەرەققىيات ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگو تەرەپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا كۈچلۈك سۆزلەشتى ھەم ياردەم تولۇقلىمىسىغا قارشى تۇرۇشقا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش مېخانىزمىغا مۇراجىئەت قىلدى. جۇڭگو تەرەپ سودا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنى خاتا ئۇسۇلىنى دەرھال تۈزىتىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىساد-سودا چوڭ ۋەزىيىتىنى ئورتاق قوغداشقا دەۋەت قىلدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشتى

نىڭشيادا بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى: باھا تۆۋەنلىتىلىدۇ

مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى

ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك

كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章