بايرام مەزگىلىدە چېگرادىن كىرگەن-چىققانلار بۇلتۇرقىدىن ئاشتى

时事   2024-10-09 18:31   北京  

دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى: دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە 13 مىليون 98 مىڭ ئادەم (قېتىم) چېگرادىن كىردى ۋە چىقتى

دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى چېگرا تەكشۈرۈش ئورگانلىرى جەمئىي 13 مىليون 98 مىڭ ئادەم (قېتىم) جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك خادىملارنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلغان، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون 871 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 25.8 ئاشقان، بىر كۈندە چېگرادىن كىرىش-چىقىش بويىچە تاموژنىدىن ئۆتۈش 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىپ، 2 مىليون 35 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، چېگرادىن كىرىپ-چىققان ئىچكىرى رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ سانى 7 مىليون 589 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 33.2 ئاشقان؛ چېگرادىن كىرىپ-چىققان شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئاھالىلىرىنىڭ سانى  4 مىليون 494 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 13.2 ئاشقان؛ چېگرادىن كىرىپ-چىققان چەت ئەللىكلەرنىڭ سانى 1 مىليون 14 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 37.2 ئاشقان. چېگرادىن كىرگەن-چىققان قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرىدىن جەمئىي 574 مىڭ دانە (پاراخوت، پويىز، ئاپتوموبىل) قېتىم تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 32.6 ئاشقان.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ھۆكۈمەت تەرەپ پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بەردى

نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى: باھا تۆۋەنلىتىلىدۇ

مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى

ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك

كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章