دەرھال تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ قاتىلنى تۇتۇش كېرەك

时事   2024-10-08 21:20   北京  

دەرھال تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ قاتىلنى تۇتۇش كېرەك! بايا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلدى

 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى قاسىم پورتى كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى جۇڭگو تەرەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

 سوئال: 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، بەزى تاراتقۇلار پاكىستاننىڭ سىند ئۆلكىسىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئادىمى ئۆلۈش-يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

 جاۋاب: پاكىستاننىڭ شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچ سائەت 11 لەردە، جۇڭگو تەرەپ كارخانا تۈرىنىڭ ئاپتوموبىللىرى كاراچى جېننا خەلقئارا ئايروپورتى ئەتراپىدا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. نۆۋەتتە، ۋەقەدە جۇڭگو-پاكىستان ئىككى تەرەپنىڭ خادىملىرى تالاپەتكە ئۇچرىدى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو تەرەپتىن ئىككى كىشى قازا قىلدى، بىر كىشى يارىلاندى.

 جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىدىن ئىنتايىن چۆچۈدى، بۇ تېررورىزم قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەمدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرى ئالدى بىلەن جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، بىر تەرەپ قىلىش، تاقابىل تۇرۇشنى تېز قانات يايدۇردى. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپتىن قۇتقۇزۇش-داۋالاش ۋە كېيىنكى خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، دەرھال تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، قاتىلنى تۇتۇشنى ھەم قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىخەتەرلىك مۇداپىئە يوچۇقلىرىنى ھەقىقىي ئېتىپ، تېخىمۇ قاراتمىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ۋە پاكىستاندىكى جۇڭگو خادىملىرى، تۈرلىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق  باش ئەلچىخانىسى پاكىستاندىكى جۇڭگو پۇقرالىرى، كارخانىلىرى، تۈرلىرىنى شۇ جاينىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم جىددىي ئەسكەرتتى.

 تېررورىزم پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، تېررورچى كۈچلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش ھەمكارلىقى ھەم جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش غەرىزى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە پاكىستان تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىشىنى قوللايدۇ، پاكىستان تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۇيىقەستلەرنى قەتئىي مەغلۇپ قىلىشنى خالايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى

ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك

كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章