شىنجاڭدا بىر باشلىق خىزمەتتىن ھەيدەلدى، پارتىيەدىن قوغلاندى

时事   2024-10-08 18:01   北京  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس دوۋ ۋەنگۇي خىزمەتتىن ھەيدەلدى، پارتىيەدىن قوغلاندى

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس دوۋ ۋەنگۇينىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ قاراپ چىقتى، تەكشۈردى.

 تەكشۈرۈلۈشىچە، دوۋ ۋەنگۇي غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتىن يۈز ئۆرۈگەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كېمەيتىپ، ئۆزگەرتىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغان، «يەتتە خىل قىلمىش» بىلەن شۇغۇللانغان، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ، سىياسىي ئالدامچىلار بىلەن دوستلاشقان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچلۈك ئادا قىلمىغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتلەرنى قوبۇل قىلغان؛ تەشكىلىي پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىپ، ئەمەل كويىدا قاترىغان، ئەمەل سېتىۋالغان، تەشكىل خەت ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرگەندە مەسىلىنى ئەينەن چۈشەندۈرمىگەن؛ پاكلىق تۆۋەن چېكىنى يوقاتقان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات ۋە پۇل قوبۇل قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىگە نەپ يەتكۈزگەن؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، قېزىلما بايلىقنى ئېچىش، قۇرۇلۇش تۈرىنى ھۆددىگە بېرىش، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشقا قويۇش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن ھەمدە قانۇنسىز ھالدا زور سوممىلىق مال-مۈلۈك قوبۇل قىلغان.

 دوۋ ۋەنگۇي پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرگەن ھەم پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ نەپسىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولۇپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي ئىشلار جازاسى بېرىش قانۇنى» قاتارلىقلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا تەتقىق قىلىش ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا سۇنۇپ تەستىقلىتىش ئارقىلىق، دوۋ ۋەنگۇيغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلىلىك سالاھىيىتى توختىتىلدى؛ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى قايتۇرۇۋېلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، چېتىشلىق مال-مۈلكىمۇ ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى

ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك

كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章