بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

时事   2024-10-16 19:01   北京  

باج سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولسا شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ھاجەتسىز ئىكەن

يېقىندا، مۇخبىرنىڭ دۆلەت باش باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى دۆلىتىمىز ئۇنىۋېرسال بولۇش بىلەن تۈرگە ئايرىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى يېڭى باج تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، شەخسىي تاپاۋەت بېجى يۇقىرىلارنى تەڭشەش، تۆۋەنلەرگە نەپ يەتكۈزۈش رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرغان.

 شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئىلتىماس قىلىش سانلىق مەلۇماتى شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ باج سوممىسىنىڭ شەكىللىنىش ئەھۋالىنى ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرسە بولىدۇ. باش باج ئىدارىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىلتىماس قىلىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىچىدە، يىللىق كىرىمى 1 مىليون يۈەندىن ئاشقان يۇقىرى كىرىملىكلەر ئىلتىماس قىلغۇچىلار سانىنىڭ تەخمىنەن 1 ىنى ئىگىلىگەن، لېكىن بۇ بىر قىسىم كىشىلەر ئىلتىماس قىلىپ تاپشۇرغان شەخسىي تاپاۋەت بېجى بارلىق شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ 50 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن، ئىلتىماس قىلىش كىرىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى % 10 ئىچىدە تۇرغان شەخسلەر شەخسىي تاپاۋەت بېجى بارلىق شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ % 90 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.

باش باج ئىدارىسى باج پەن ـ تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شەخسىي كىرىمى دۆلىتىمىزدە ئالدىنقى % 1 ۋە ئالدىنقى % 10 ئىچىدە تۇرىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ باج تاپشۇرۇش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، باج قانۇنىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىدىكى «باج يۈكىنى چوقۇم باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن تەقسىم قىلىش» دېگەن ئادىللىق پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ كىرىمى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇش نىسبىتى بىلەن بىردەك چوڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. «بۇ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى < ئۆستۈرۈش > رولىنىڭ يەنىلا بىرقەدەر روشەن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەش، جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.»

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! ھەربىر كىشىنىڭ ھەر يىلى 670 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

خۇشخەۋەر!مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

شىنجاڭدىكى بىر جايدا يېڭىدىن ئالتۇن مېتال بايلىقى كۆپەيدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章