جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى شەندۇڭ شوۋگۇاڭ شەھىرىدىكى بىر كارخانىدا يۈزبەرگەن زەھەرلىنىش ھادىسىسى نەق مەيدانىغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى
10-ئاينىڭ 12-كۈنى، 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى شوۋگۇاڭ شەھىرى ۋېيفاڭ جىنشى بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە چەكلىك بوشلۇقتا مەشغۇلات قىلىدىغان خادىملاردا زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، يەتتە ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى، تۆت ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
مۇخبىرنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ، ئۆلگەن-يارىلانغانلار سانىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان. شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن بۇ ھادىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش؛ چوڭقۇر قايتا ئويلىنىپ، ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، چەكلىك بوشلۇق بىخەتەرلىك ئىبرەت تەربىيەسى ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپكارلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش ماھارىتىنى كۈچەيتىش كېرەك دەپ تەلەپ قىلغان.
نۆۋەتتە، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى نەق مەيدانغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەملىشىشكە ئەۋەتتى.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
تيەنئەنمېندە بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ ۋۇ باڭگوغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى
گوۋۇيۈەن بىر قىسىم دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى
10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ
زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى
تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى
شىنجاڭدىكى بىر جايدا يېڭىدىن ئالتۇن مېتال بايلىقى كۆپەيدى
ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە