بۈگۈندىن باشلاپ شىنجاڭدىكى مايتاغ-كۇچا تاشيولى رەسمىي تاقىلىدۇ
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدىكى ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ تاغلىق رايوننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا 0 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولۇپ، قاتناشتا بىرقەدەر زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان. ھاۋارايى، يول ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، 2024 ـ يىل 10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى سائەت 20 دىن باشلاپ،G217 لىنىيەسىدىكى مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىنى قىش پەسلىدە پېچەتلەش، ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىنى مەنئى قىلىش قارار قىلىنغان.
2024-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنى مايتاغ-كۇچا تاشيولى ئېچىۋېتىلىپ قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتوموبىل ئېقىمى 3 مىليون 720 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمدىن، ئادەم ئېقىمى 7 مىليون 50 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.
تيانشان تاغلىق رايونىدا قىش پەسلىدە قار يېغىش، مۇز تۇتۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىنىڭ يېپىق مەزگىلى بىرقەدەر ئۇزاق بولۇپ، قاتناش ۋاقتى ئادەتتە ھەر يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 10-ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولىدۇ. مايتاغ-كۇچا تاشيولى يېپىق مەزگىلدە، يول ئاسراش ئىشچىلىرى تاشيول گېئو ئاپەت نۇقتىلىرىنى قاراتمىلىق ئاسرايدۇ ھەم جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
نىڭشيادا بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى
نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى: باھا تۆۋەنلىتىلىدۇ
مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى
جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى
ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك