بىڭتۇەن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلەندى

时事   2024-10-15 11:02   北京  

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەبرىك خەت ئەۋەتتى

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى



شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەبرىك خەت ئەۋەتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى خې لىفېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، خې لىفېڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، بىڭتۇەندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇزاقتىن بۇيان بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن ھەر ساھە زاتلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

خې لىفېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى يولىنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىڭتۇەننىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىڭتۇەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ ئىلگىرىلەپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەشلەرنى، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. نەچچە ئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەر غايەت زور قۇربان بەردى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىدى ھەم نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى شەكىللەندۈردى.

خې لىفېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋر، يېڭى سەپەردە، بىڭتۇەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكى بەرپا قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇلازىمەت قىلىشى، كەسىپ پەن-تېخنىكا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئارقىلىق، ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشى، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى، بىڭتۇەن قوشۇنىنىڭ يېڭى ئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى، بىڭتۇەننى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆچمەس تارىخىي تۆھپىلەرنى قوشتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىڭتۇەن ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيەلەرنى ئۆزى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەنگە «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيە» «تۆت چوڭ رول»نى يۈكلەپ، بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. يېڭى دەۋردە بىڭتۇەندە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىغانلىقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىڭتۇەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورنى توغرىسىدىكى تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئالاھىدە ئىقتىدارىنى ياخشى چېنىقتۇرۇش كېرەك. ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەننى گۈللەندۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» «بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئىدىيەنى باشتىن-ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى مياۋ خۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم تەبرىك خەتنى ئوقۇدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى يىغىنغا قاتناشتى. بىڭتۇەندىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىندا سۆز قىلدى.

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئىلگىرى بىڭتۇەندە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن يولداشلار، بىڭتۇەن ھەربىي ئىشلار بۆلۈمى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۇەن باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى ھەم ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، بىڭتۇەندىكى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى مەزگىللىرى، ھەرقايسى سەپلىرىدىكى ئىلغار نەمۇنىچىلار ۋە مۇنەۋۋەرلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندىن بۇرۇن، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى بىڭتۇەندىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.



       بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

       مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ تېلېۋىزور كۆرۈشتىكى بۇ مەسىلە ھەل بولدى

◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章