خەيرلىك كەچ: باھانىسى بەك كۆپ ئادەم ياخشى ياشىيالمايدۇ

时事   2024-10-02 22:15   北京  


太多借口的人,过不好这一生

باھانىسى بەك كۆپ ئادەم ياخشى ياشىيالمايدۇ


ღ ღ ღ


  早晨出发去上班,我刚打开门,就看到隔壁女主人正好走出家门,眼圈红红的,头发散乱在肩上。我还没跟她打招呼,她转身就走了。我想着,她肯定是不愿意让我看到她这个样子吧。


ئەتىگەندە ئىشقا بېرىش ئۈچۈن ئەمدىلا ئىشىكنى ئېچىشىمغا، قوشنا ئۆيدىكى ئايال غوجايىن كۆزلىرى قىزارغان، چاچلىرى قالايمىقان چۇۋۇلغان ھالدا ئىشىكتىن چىقتى ۋە مەن سالام قىلىپ بولغۇچە، ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالدى. مەن كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى ماڭا كۆرسەتكۈسى كەلمىگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدىم.

  头一天半夜里,我睡得迷迷糊糊的,就听到隔壁“哐当哐当”的声音。估计又是她老公在家发脾气,小两口闹矛盾了,不然哪来这么大动静。


تۇنجى كۈنى يېرىم كېچىدە مەن ئۇيقۇلۇق ھالەتتە ياندىكى ئۆيدىن چىقىۋاتقان تاراق-تۇرۇق ئاۋازنى ئاڭلىدىم. پەرىزىمچە، ئۇنىڭ يولدىشى يەنە ئاچچىقلىغان، ئىككەيلەن سوقۇشۇپ قالغانىدى، ئۇنداق بولمىسا، بۇنچە قاتتىق ئاۋاز چىقارمايتتى.

  刚搬进新家的时候,我就跟隔壁女主人认识了,知道她老公是出租车司机,出租车是从公司租的。


يېڭى ئۆيگە ئەمدىلا كۆچۈپ كەلگەن ۋاقىتلىرىمدىلا قوشنا ئۆيدىكى ئايال غوجايىن بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ تاكسى شوپۇرى ئىكەنلىكى، تاكسىنى شىركەتتىن ئىجارىگە ئالغانلىقىنى بىلگەنىدىم.

  她说,老公一点都不上进,租车时间是白天八个小时,他都不肯开满,总要三番四次地催,他才肯出车去拉活。要光是懒一些也就算了,大不了少挣点钱,日子过得紧巴一些,关键是他总觉得自己是做大事的料,根本不想脚踏实地。


ئۇ يولدىشىنىڭ پەقەتلا ئالغا ئىنتىلمەيدىغانلىقى، تاكسىنى كۈندۈزدە سەككىز سائەت ئىجارىگە ئالغان بولسىمۇ، ئەمما، تولۇق ھەيدەشكە ئۇنىمايدىغانلىقى، دائىملا قايتا-قايتا سۈيلىگەندە ئاندىن كىرا قىلغىلى چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. پەقەت ئازراق ھورۇن بولسىلا مەيلى ئىدىغۇ، بەك بولسا كۆپ پۇل تاپالماي، كۈنلىرى تەستىرەك ئۆتەتتى. بىراق، ھالقىلىق يېرى شۇكى، ئۇ ئۆزىنى دائىم چوڭ ئىش قىلىدىغان ئادەم دەپ ئويلايتتى، ئەستايىدىل بولۇشنى خالىمايتتى.

  他经常挂在嘴边的话是,我这个人就是运气差点,要是有谁谁谁的好运气,指不定我现在也身价千万了,哪还用得着这样起早贪黑呀?


ئۇ دائىم: «تەلىيىم كاجراقكەن، ناۋادا، پالانى-پالانىلاردەك تەلىيىم كەلگەن بولسا، مەنمۇ ھازىر بىر مىليونېر بولۇپ قالاتتىم، نەدىمۇ بۇنداق ئەتىگەن تۇرۇپ، كەچ قايتىشىمنىڭ ھاجىتى بولسۇن؟» دەيتتى.

  曾听过这样一句话,对那些不成熟的人来说,他们永远都可以找到一些借口,以掩饰他们自身的某些缺点或不幸。


ئىلگىرى مۇنداق بىر گەپ ئاڭلىغانىدىم. ئاشۇ پىشىپ يېتىلمىگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار مەڭگۈ بەزى باھانىلەرنى تېپىپ، ئۆزلىرىدىكى مەلۇم كەمچىلىك ياكى بەختسىزلىكنى ياپماقچى بولىدۇ.

  生活中总会有这样一种人,他们把自己穷困潦倒的原因都归结在别人身上,总是为自己的失败找各种各样的借口,反正他自己是没有责任的。


تۇرمۇشتا ھامان مۇنداق ئادەملەر مەۋجۇت بولىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نامراتلىقتىن چۈشكۈنلىشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇپ، مەغلۇبىيىتى ئۈچۈن ھامان ھەرخىل باھانىلەرنى ئىزدەيدۇ، ئىشقىلىپ، ئۆزىدە ھېچقانداق مەسئۇلىيەت قالدۇرمايدۇ.

  其实,越是喜欢给自己找借口的人,成功的机会渺茫。


ئەمەلىيەتتە، ئۆزىگە باھانە ئىزدەشكە قانچە ئامراق ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتى شۇنچە ئاز بولىدۇ.


ღ ღ ღ


  记得小时候,老师就教导我们,做人做事要脚踏实地,不要为自己的懒惰找借口,更不要为自己的失败找理由。


ئېسىمدە قېلىشىچە، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىزگە ئىش قىلغان، كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشقاندا ئەستايىدىل بولۇش، ھورۇنلۇقىمىز، بولۇپمۇ مەغلۇبىيىتىمىز ئۈچۈن سەۋەب ئىزدىمەسلىك توغرىسىدا تەربىيە قىلغانىدى.

  我深刻理解老师的话,是在初三上学期的期末考试。那段时间,班里开始流行武侠小说,我本身就是一个书迷,当第一次读到这种跟作文选和故事书大不相同的书时,很快就沉迷在各种刀光剑影中不能自拔。


مەن تولۇقسىز 3-يىللىقنىڭ ئالدىنقى مەۋسۇمىدىكى مەۋسۇملۇق ئىمتىھاننى بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ سۆزلىرىنى ھەقىقىي چۈشەنگەنىدىم. ئۇ چاغلاردا سىنىپىمىزدا قەھرىمانلىق ھېكايىلىرىنى ئوقۇش ئەۋج ئېلىشقا باشلىغانىدى. مەن ئەسلىدىمۇ بىر كىتاب مەستانىسى بولغاچقا، ماقالىلەر توپلىمى ۋە ھېكايە كىتابلارغا پەقەتلا ئوخشىمايدىغان بۇنداق كىتابلارنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغىنىمدا، ھەرخىل ئۇر-چاپلارغا تېزلا بېشىمچىلاپ كىرىپ كېتىپ، ئۆزۈمنى تارتالماي قالاتتىم.

  很快,期末考试的成绩给我沉重一击,我从稳坐班级第一掉到二十名。我心里非常忐忑,知道逃不掉老师的批评,更少不了被父母收拾一顿,但是心里却给自己找好了借口,我只是这一次没考好而已,又不是中考,还来得及的。


ناھايىتى تېزلا مەۋسۇملۇق ئىمتىھان نەتىجىسى ماڭا بىر قېتىملىق قاتتىق زەربە بولدى، يىللىقلار بويىچە ئەزەلدىن بىرىنچى بولۇپ كېلىۋاتقان مەن 12-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئوقۇتقۇچۇمنىڭ تەنقىدى ۋە ئاتا-ئانامنىڭ بىر مەيدان ئەيىبلىشىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىمنى بىلىپ، قاتتىق دەككە-دۈككە بولدۇم. بىراق، مەن كۆڭلۈمدە: «پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا ياخشى بېرەلمىدىم، بۇ يا تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى بولمىسا، يەنە ئۈلگۈرەلەيمەن» دەپ باھانە تېپىپ قويدۇم.

  班主任找我谈话,问我为什么成绩下降这么多,我很淡定地说:“老师,我考试的时候身体不太舒服……”班主任当时就怒了,差点拍碎了桌子。


سىنىپ مەسئۇلىمىز مەن بىلەن پاراڭلىشىپ، نەتىجەمنىڭ نېمىشقا شۇنچە كۆپ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى سورىغاندا، مەن ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن: «مۇئەللىم، ئىمتىھان ۋاقتىدا بىئارام بولۇپ كەتكەنىدىم...» دېدىم. سىنىپ مەسئۇلىمىز بۇنى ئاڭلاپلا قاتتىق ئاچچىقلىدى ۋە ئۈستەلگە مۇشتلاپ سۇندۇرۇۋەتكىلى قىل قالدى.

  “你不要跟我这儿找借口,我也不要听你编理由,我是让你好好反省一下自己这段时间的行为,为考试成绩承担责任。


«ماڭا تولا باھانە كۆرسەتمە، مەنمۇ سېنىڭ يالغاندىن توقۇغان سەۋەبلىرىڭنى ئاڭلىمايمەن. مەن سېنى بۇ مەزگىللەردىكى قىلمىشىڭ توغرىسىدا ئويلاندۇرۇپ، ئىمتىھان نەتىجەڭنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستۈڭگە ئالدۇرىمەن.»

  老师的一番话如雷贯耳,让我知道做错了就是做错了,就要承担责任。从那以后,我一直记得老师的话,即使后来走上工作岗位,我也时刻牢记这一点。


مۇئەللىمنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتقان بۇ سۆزلىرى ماڭا خاتالىقنىڭ ھامان خاتالىق بولىدىغانلىقى، شۇڭا، مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىشىم كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى ئېسىمدە تۇتتۇم، كېيىن، خىزمەتكە چىققاندىمۇ بۇ نۇقتىنى قەتئىي ئېسىمدىن چىقارمىدىم.


ღ ღ ღ


  有人说,别为你的累和懒找借口,你的一无所有就是你拼的理由。我的朋友圈中就有这样一位拼着劲努力的人。


بەزىلەر: «ئۆزىڭىزنىڭ ھارغانلىقىڭىز ۋە ھورۇنلۇقىڭىز ئۈچۈن باھانە ئىزدىمەڭ، ھېچنەرسىڭىز بولماسلىقى دەل سىزنىڭ تىرىشىشىڭىزنىڭ سەۋەبى» دېيىشىدۇ. دوستلار چەمبىرىكىمدە مانا مۇشۇنداق جان تىكىپ تىرىشىۋاتقان ئادەمدىن بىرى بار.

  他是学音乐的,想自己创办一所音乐培训学校。刚开始,他小范围地招生,就在家里摆一台钢琴,周末起早贪黑地给学生上课,可是一年积累下来收入不多。跟别家培训机构比,也没有多大的竞争力。


ئۇ مۇزىكا ئۆگەنگەن بولۇپ، مۇزىكىدا تەربىيەلەش مەكتىپى قۇرغۇسى بار ئىدى. دەسلەپتە، ئۇ كىچىك دائىرىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى ۋە ئۆيىگە بىر پىيانىنو قويۇۋېلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەتىگەندىن كەچكىچە دەرس ئۆتتى. بىراق، ئۇنىڭ بىر يىلدا يىغقان پۇلى ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، باشقا تەربىيەلەش ئورۇنلىرىغا سېلىشتۇرغاندىمۇ رىقابەت كۈچى ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى.

  他开始去大城市学习人家的音乐培训经验,可是看似成功的方法,到我们这小地方却行不通,家长根本不认可。


ئۇ چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ باشقىلارنىڭ مۇزىكىدا تەربىيەلەش تەجرىبىسىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. بىراق، قارىماققا مۇۋەپپەقىيەتلىكتەك كۆرۈنگەن ئۇسۇللار بىزنىڭ بۇ كىچىك يېرىمىزدە ئاقمايتتى، ئاتا-ئانىلار ئەسلا ئېتىراپ قىلمايتتى.

  为什么新教学方法行不通呢?也许有人会认为是我们这边家长的层次跟不上,所以才会抵触这些新的方法,生怕孩子教不好。


يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى نېمىشقا ئاقمايدۇ؟ بەزىلەر بەلكىم بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ تونۇش سەۋىيەسى يېتىشمىگەنلىكتىن، بۇ يېڭى ئۇسۇللارغا قارشى تۇرغان، بالىلىرىنىڭ ئۆگىنەلمەسلىكىدىن قورققان، دەپ قارىشى مۇمكىن.

  他不是这样想,他开始反思人家成功的经验如何改善,才能适应我们这边的教学,不断地磨合教学方法,提升教学水平。


ئۇ مۇنداق ئويلىمىدى. ئۇ باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەجرىبىلىرىنى قانداق ئۆزگەرتكەندە، ئاندىن، بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ ئوقۇتۇشىغا ماس كېلىدىغانلىقى توغرىلىق ئويلاندى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى توختىماي ماسلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 

  经过一年多的努力,他教出来的学生在各类比赛中拿奖,学生也喜欢他的教学方法,终于让他打开了局面。


بىر يىلدىن كۆپرەك تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئۇ تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلار ھەرخىل مۇسابىقىلەردە مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا ئامراق بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرى يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى.

  所以你看,正如有句话说的,任何一件事,只要心甘情愿,总能够变得简单,不会有任何复杂的借口和理由。


شۇنىڭ ئۈچۈن، قاراڭ، خۇددى بىر جۈملىدە ئېيتىلغىنىدەك، ھەرقانداق بىر ئىشنى چىن كۆڭلىڭىزدىن خالاپ قىلسىڭىزلا ھامان ئاددىيلاشتۇرغانلىقى بولىدۇ، ھەرقانداق مۇرەككەپ سەۋەب ۋە باھانە قالمايدۇ.


ღ ღ ღ


  喜欢为自己找借口,其实是缺乏责任心的表现。要想让自己坚持做好一件事情,成为有责任有担当的人,我们首先要学会反省自己,警惕自己是否下意识地找借口。


ئۆزىگە باھانە تېپىشقا ئامراق بولۇش ئەمەلىيەتتە مەسئۇلىيەتچانلىقتىكى كەمچىلىكنىڭ ئىپادىسى. مەلۇم بىر ئىشنى قەتئىيلىك بىلەن ياخشى قىلماقچى بولساق، مەسئۇلىيەتچان، قىلغان ئىشىمىزنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالالايدىغان ئادەم بولۇشنى ئويلىساق، ئالدى بىلەن ئۆزىمىز توغرىسىدا ئويلىنىشنى بىلىۋېلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئاڭسىز ھالدا باھانە ئىزدىگەن- ئىزدىمىگەنلىكىمىزدىن ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك. 

  我们每个人遇到困难,或者是一件事情失败的时候,大脑总会立即开启防御机制,想要为保护自己寻找理由。有这种想法很正常,但是我们更应该学会经常反省自己,问问自己这件事情做不到的原因是什么,多从自己身上找,而不是往别人身上推。


ھەممىمىز بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇققان ياكى بىرەر ئىشتا مەغلۇب بولغاندا، چوڭ مېڭىمىز شۇ ھامان مۇداپىيە مېخانىزىمىنى قوزغىتىپ، ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن باھانە ئىزدىمەكچى بولىدۇ. بۇ خىل خىيالنىڭ بولۇشى ناھايىتى نورمال. بىراق، بىز چوقۇم ئۆزىمىز توغرىسىدا پات-پات ئويلىنىپ تۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، ئۆزىمىزدىن بۇ ئىشنى قىلالماسلىقىمىزدىكى سەۋەبنى سوراپ، ئۇنى ئۆزىمىزدىن كۆپرەك ئىزدىشىمىز، باشقىلارغا ئارتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك.

  其次,勇于承担责任,做一个有责任有担当的人。


ئىككىنچى، مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئېلىشقا جۈرئەتلىك بولۇشىمىز، مەسئۇلىيەتچان، قىلغان ئىشىمىزنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالالايدىغان ئادەم بولۇشىمىز كېرەك.

  应该自己做好的事情,那就努力去做好;如果没有做好,就承担起责任来,能弥补尽力弥补,不能弥补下一次一定要做好。当你勇于承担起属于自己的责任,你会发现其实成功也并不是那么难。


ئۆزىڭىز ياخشى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى تىرىشىپ ياخشى قىلىڭ؛ ناۋادا، ياخشى قىلالمىسىڭىز مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىڭ، تولۇقلىغۇدەك ئىمكانىيەت بولسا كۈچىڭىزنىڭ بارىچە تولۇقلاڭ، تولۇقلاش ئىمكانىيىتى بولمىسا كېيىنكى قېتىم چوقۇم ياخشى قىلىڭ. ئۆزىڭىزگە تەۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلغىنىڭىزدا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭمۇ ئۇنچە تەس ئەمەسلىكىنى بايقايسىز.

  第三,以优秀的人为榜样,努力成为更好的自己。


ئۈچىنچى، مۇنەۋۋەر ئادەملەرنى ئۈلگە قىلىڭ، تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى ئۆزىڭىز بولۇڭ.

  给自己树立一个榜样,寻找你领域里的大咖,向他们学习成功的经验,反思他们失败的历程,这样可以让你少走很多弯路。


ئۆزىڭىزگە بىر ئۈلگە تىكلەڭ، ئۆز ساھەيىڭىزدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنى تېپىپ، ئۇلاردىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تەجرىبىسى ئۆگىنىڭ، ئۇلارنىڭ مەغلۇب بولۇش جەريانلىرى توغرىسىدا ئويلىنىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئەگرى يولدا ئاز ماڭىسىز.

  作家张爱玲曾说,要做的事情总找得出时间和机会,不要做的事情总找得出借口。


يازغۇچى جاڭ ئەيلىڭ ئىلگىرى: «قىلىدىغان ئىشقا ھامان ۋاقىت ۋە پۇرسەت چىقىدۇ، قىلمايدىغان ئىشقا ھامان باھانە تاپقىلى بولىدۇ» دېگەنىدى.

  我们过不好这一生的很大原因,就是很多时候我们总是下意识地为自己找借口。想一想,你想做什么事情,你想成为什么样的人,然后努力去做,一心朝着你的目标去努力。成功永远属于努力的人,而不会青睐只知道找借口的人。


بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزەلمەسلىكىمىزدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب دەل نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئۆزىمىزگە ئاڭسىز ھالدا باھانە ئىزدىشىمىزدۇر. نېمە ئىش قىلغۇڭىز بارلىقى، قانداق ئادەم بولغۇڭىز بارلىقىنى ئويلانغاندىن كېيىن تىرىشىپ قىلىڭ، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن نىشانىڭىزغا قاراپ تىرىشىڭ. مۇۋەپپەقىيەت مەڭگۈ باھانە تېپىشنىلا بىلىدىغانلارغا ئەمەس، بەلكى، تىرىشقانلارغا مەنسۇپ.


         كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

         مەنبە: خەلق تورى


خەيرلىك كەچ سەھىپىسى

 خەيرلىك كەچ: ھاياتىڭىزدا شۇنچە كۆپ ئۈلگۈرەلمەسلىكلەر بارمۇ؟

 خەيرلىك كەچ: مۇنەۋۋەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى

 تېلېفوندا سۆزلىشىش ئۇسۇلىڭىز ساپايىڭىزنى ئاشكارىلايدۇ

 خەيرلىك كەچ: سىزگە دائىم سوغۇق سۇ سېپىدىغانلاردىن يىراق تۇرۇڭ

 ئەڭ ياخشى مۇناسىۋەت بىر ئىشقا يولۇققاندا ئەيىبلىمەسلىكتۇر

 خەيرلىك كەچ: گاڭگىرىغىنىڭىزدا بۇ بەش جۈملىنى ئوقۇڭ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ياخشى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى قانداق بولىدۇ؟

 كۆڭۈل قويۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك




خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章