تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

时事   2024-10-08 21:20   北京  

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى پاكىستاندا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

10-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭگونىڭ پاكىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى قاسىم پورتى توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 23 لەردە، جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانا قاسىم پورتى توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى كاراچى جېننا خەلقئارا ئايروپورتى ئەتراپىدا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. نۆۋەتتە جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىككى خادىمى قازا قىلدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ بىر خادىمى يارىلاندى ۋە پاكىستان تەرەپنىڭ نۇرغۇن خادىمى تالاپەتكە ئۇچرىدى. جۇڭگونىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرى بۇ تېررورلۇق قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلىرىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغانلار ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، ھازىر پاكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ۋەقەنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى بىرىنچى ۋاقىتتا باشلاپ، پاكىستان تەرەپتىن يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، داۋالاپ، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، قاتىلنى قاتتىق جازالاشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە جەزمەن ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، پاكىستاندىكى جۇڭگو پۇقرالىرى، ئاپپاراتلىرى ۋە تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. جۇڭگونىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرى پاكىستاندىكى جۇڭگو پۇقرالىرى، كارخانىلىرى، تۈرلىرىنى جەزمەن ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، شۇ جاينىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى

ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك

كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章