«جۇڭگو سەنئەت-مەدەنىيەت نادىر ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى» ئىراندا باشلاندى
بۇ، 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىران پايتەختى تېھراندىكى مالىك دۆلەت مۇزېيىدا سۈرەتكە ئېلىنغان «يىپەك يولى ئۇزۇن بۇلۇت− جۇڭگو سەنئەت-مەدەنىيەت نادىر ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى» نەق مەيدانى.
«يىپەك يولىدىكى ئۇزۇن بۇلۇت − جۇڭگو سەنئەت-مەدەنىيەت نادىر ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى» 10-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىران پايتەختى تېھرانغا جايلاشقان مالىك دۆلەت مۇزېيىدا باشلاندى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە جۇڭگو-ئىران يىپەك يولىنىڭ بىر قاتار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش نەتىجىلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگو سەنئەتكارلىرى ئىجاد قىلغان غەربىي يۇرت يىپەك يولى تېمىسىدىكى رەسىملەر، مالىك دۆلەت مۇزېيى ۋە كۇتۇپخانىدا ساقلانغان جۇڭگولۇق داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ قول يازمىلىرى، يىپەك يولى سودىسىدا ئىشلىتىلگەن قەدىمكى پۇللار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
تيەنئەنمېندە بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ ۋۇ باڭگوغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى
گوۋۇيۈەن بىر قىسىم دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى
10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ
زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى
تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى