يۈ خۇايىڭ جەمئىي 17 بالىنى ئالداپ ساتقان...

时事   2024-10-12 21:20   北京  

يۈ خۇايىڭنىڭ بالىلارنى ئالداپ سېتىش دېلوسىنى قايتا سوت قىلىش دېلوسىغا 1-سوتتا سوت ئېچىلدى، مۇۋاپىق ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ

10-ئاينىڭ 11-كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى گۇيياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئايرىم كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، گۇيجوۋ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرغان جاۋابكار يۈ خۇايىڭنىڭ بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى،  قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى بويىچە دەۋاگەر جاڭ XX ، ياڭ XX قاتارلىق توققۇز كىشى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋا دېلوسى ئۈستىدە 1-سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقىلدى.

گۇيياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىچە، جاۋابكار يۈ خۇايىڭ قانۇنسىز مەنپەئەتنى كۆزلەپ، 1993-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە گۇڭ XX (ۋاپات بولغان)، ۋاڭ XX (ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىنغان) بىلەن بىللە گۇيجوۋ، يۈننەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردا ئېقىپ يۈرۈپ، مۇۋاپىق كېلىدىغان بالىلارنى ئالداپ ساتقان، يۈ خۇايىڭ جەمئىي 17 بالىنى ئالداپ ساتقان. ئەيىبلىگۈچى ئورگان بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى بىلەن يۈ خۇايىڭنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلدى.

سوتتا ئەيىبلىگۈچى ئورگان ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار يۈ خۇايىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى يۈزلەشتۈرۈلدى، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، يۈ خۇايىڭ ئاخىرقى بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 بۇ دېلوغا ۋاقىت تاللاپ باشقا بىر ۋاقىتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشتى

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

شىنجاڭدىكى بىر جايدا يېڭىدىن ئالتۇن مېتال بايلىقى كۆپەيدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章