成年人的顶级修养,藏在四个细节里
قۇرامىغا يەتكەنلەردىكى ئالىي دەرىجىلىك ساپا تۆت تەپسىلات ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ
ئويلىمىغان يەردىن ئىپادىلەنگەن تەپسىلات ھەمىشە بىر ئادەمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق ساپاسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
ღ ღ ღ
“说话慢半拍”
«گەپنى ئالدىرىماي قىلىش»
古语云:“知人不必言尽,留人三分余地。”
كونىلار: «بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىنى تولۇق سۆزلىشى ھاجەتسىز، باشقىلارغىمۇ ئۈچ ئۈلۈش ئىمكانىيەت قالدۇرۇش كېرەك» دېگەنىكەن.
言多必失,祸从口出,说话没有分寸,就容易招致无妄之灾。
ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا چىقىدۇ، بالا ئېغىزدىن كېلىدۇ، گەپنى لايىقىدا قىلمىغاندا، ئاسانلا كۈتۈلمىگەن بالا-قازا پەيدا قىلىپ قويىدۇ.
治疗愤怒最好办法,是等待。
غەزەبلىنىشنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دەل ساقلاش.
人越是愤怒的时候,越容易说出一些冲动的话。
ئادەمنىڭ قانچە ئاچچىقى كەلسە، شۇنچە ئاسانلا ئۆزىنى باسالماي، بەزى گەپلەرنى قىلىۋېتىدۇ.
当我们有情绪的时候,话到嘴边,再等一会,对于事情就会有不同的结果。
كەيپىياتىمىز بۇزۇلغان چاغلاردا، گەپ تىلىمىزنىڭ ئۇچىغا كېلىپ بولغان بولسىمۇ ئازراق تۇرۇۋالساق، شۇ ئىشتىن ئوخشىمايدىغان نەتىجە چىقىشى مۇمكىن.
南宋吴曾的《能改斋漫录》中,记载了这样一个故事。
جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ۋۇ سېڭنىڭ «ئىستىقامەتلەرنى ئۆزگەرتىش خاتىرىسى»دە مۇنداق بىر ھېكايە يېزىلغان.
祥符二年,25岁的柳永参加礼部考试,他信心满满,觉得自己必能考取头名。
شياڭفۇنىڭ ئىككىنچى يىلى 25 ياشقا كىرگەن ليۇ يۇڭ شىغاۋۇل پىرقىسى ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ، ئۇنىڭ تولۇق ئىشەنچى بولغانلىقتىن، ئۆزىنى ئىمتىھاندا چوقۇم بىرىنچى بولىدىغاندەك ئويلايدۇ.
可没想到的是,他的文章被皇帝看作“文辞虚华不实”,惨遭落榜。
بىراق، ئويلىمىغان يەردىن پادىشاھ ئۇنىڭ ماقالىسىنى «قۇرۇق گەپ ساتقان» دەپ قارايدۇ، ئۇمۇ ئېچىنىشلىق ھالدا تاللاشتىن چۈشۈپ قالىدۇ.
然而柳永却不服气,他逢人就说,功名利禄的虚名,我根本看不上。
بىراق، ليۇ يۇڭ بۇنىڭغا قايىل بولماي، كىملا ئۇچرىسا: «شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ قۇرۇق نامىنى كۆزۈمگىمۇ ئىلمايمەن» دەيدۇ.
柳永的话和词,很快流传出去,连皇帝都有所耳闻。
ليۇ يۇڭنىڭ گەپ-سۆزلىرى تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، پادىشاھنىڭمۇ قۇلىقىغا يېتىدۇ.
几年后,他再次参加科考。放榜之时他本已被录取,但皇帝想起柳永之前说的话,不由得心生恼怒,于是大笔一挥,把他名字划掉了。
بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ كېجۈي ئىمتىھانىغا يەنە بىر قېتىم قاتنىشىدۇ. تىزىملىك ئېلان قىلىنغاندا، ئۇ ئاللىبۇرۇن قوبۇل قىلىنىپ بولۇنغانىدى، بىراق پادىشاھ ليۇ يۇڭنىڭ ئىلگىرى ئېيتقانلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئىختىيارسىز غەزەبلىنىدۇ ھەمدە قەلىمىنى بىر شىلتىپلا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ.
为人处世,开口慢半拍,真的很重要。
جاھاندارچىلىقتا گەپنى ئالدىرىماي قىلىش ھەقىقەتەن تولىمۇ مۇھىم.
سۆزلەش ئىستىكىمىزنى باسالىساق، ئاندىن تۇرمۇشتا بېلىق سۇغا ئېرىشكەندەك بىرەر ئىش قىلغاندا ئانچە قىينالمايمىز.
كىشىلىك ھاياتتا ئۆزىنىڭ ئىپادىلەش ئىستىكىنى ئوبدان يوشۇرۇش، ئاز سۆزلەش، كۆپ ئىش قىلىش، ئاددىيلىق ۋە سالماقلىق ئىچىدە جىمجىت ئىلگىرىلەش كېرەك.
ღ ღ ღ
有福不享尽
ئېرىشىدىغان بەختىنىڭ ھەممىنى تۈگىتىۋەتمەسلىك
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جېڭ خۇەن ئىسىملىك بىر ئەمەلدار بولۇپ، ئىلگىرى خېنەننىڭ ئايماق بېگى بولغانىكەن.
بىر كۈنى جيەن نەۋرىسى ئۇنى يوقلاپ كېلىپ، ئۆزىگە بىرەر خىزمەت تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ.
جېڭ خۇەن جيەن نەۋرىسىنىڭ يېزىدىن كەلگەنلىكى، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلۇپتۇ.
كەچتە جېڭ خۇەن جيەن نەۋرىسىنى ئۆيىدە كۈتۈۋاپتۇ، ئۈستەلدىكى تاماقلار ناھايىتى مول بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر تەخسە گۆشنان بار ئىكەن.
ئۇنىڭ جيەن نەۋرىسى گۆشنان يېگەندە خېمىرىنى ئېلىپ بىر تەرەپكە تاشلىۋېتىپ، ئىچىدىكى قىيمىسىنىلا يەپتۇ.
بۇنى كۆرگەن جېڭ خۇەن ئۆزىنى تۇتالماي، قاتتىق ئاچچىقلىنىپتۇ:
قىيمىسى بىلەن خېمىرى ئوخشاشلا يېمەكلىك، مەن سىزنى جاپا-مۇشەققەتلىك كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن ئادەم، دېھقانلارنىڭ جاپاسىنى چۈشىنىدۇ، دەپ ئويلىغانلىقتىن، خىزمەتكە تونۇشتۇرۇشقا قوشۇلغانىدىم.
谁知你如此浪费,实在不值得任用。”
سىزنىڭ بۇنچە ئىسراپخورلۇقىڭىزنى كىم بىلسۇن، سىز ھەقىقەتەن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشكە ئەرزىمەيدىكەنسىز».
ئاخىرىدا، جېڭ خۇەن نەۋرە جيەنىنى يۇرتىغا يولغا سېلىپ قويۇپتۇ، ئۇنى ھېچقانداق خىزمەتكە تونۇشتۇرۇپ قويماپتۇ.
تەلەينى تىلەپ تاپقىلى بولمايدۇ، ئۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكىتىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ.
خالىغانچە ئىسراپ قىلىنسا، باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى چۈشەنمىسە، تولۇپ تاشقان بايلىقمۇ ئاخىرىدا سورۇلۇپ تۈگەيدۇ.
ღ ღ ღ
不随意评价别人
باشقىلارنى خالىغانچە باھالىماسلىق
تۇرمۇشتا بىز باشقىلارنى باھالاشقا كۆنۈپ كەتكەن بولغانلىقتىن، ئۇلارغا ھەمىشە ئالاھىدە ئادەملەرنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، ئۆزىمىزگە «پېقىرلار»نىڭ ئۆلچىمى بويىچە تەلەپ قويىمىز.
بىراق، باشقىلارنى باھالىماسلىقنىڭ قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ساپاسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز.
پويىزدا بىر بالا دېرىزە سىرتىغا قارىغىنىچە: «دادا، قارا، دەرەخلەر ئارقىغا كېتىۋاتىدۇ!» دەپ توۋلاپتۇ.
دادىسى كۈلۈمسىرەپ قويۇپتۇ. ئۇلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان بىر جۈپ ياش ئەر-ئايال بۇ بالىنىڭ گۆدەكلەرچە قىلىقىغا ھېسداشلىق نەزىرىدە قاراپ قاپتۇ.
بىردەمدىن كېيىن بالا تۇيۇقسىز يەنە ۋارقىراپ كېتىپتۇ: «دادا، قارا، بۇلۇتلار بىز بىلەن تەڭ يۈگرەۋاتىدۇ!».
بۇ چاغدا ھېلىقى ياش ئەر-ئايال زادىلا تاقەت قىلالماي، بالىنىڭ دادىسىغا: «نېمىشقا بالىڭىزنى ياخشىراق دوختۇرغا كۆرسەتمەيسىز؟» دەپتۇ.
بالىنىڭ دادىسى كۈلۈپ تۇرۇپ: «كۆرسەتتىم، بىز بايىلا دوختۇرخانىدىن قايتتۇق، ئوغلۇم تۇغما ئەما ئىدى، بۈگۈن ئۇ يېڭى كۆزگە ئېرىشتى» دەپتۇ.
ياش ئەر-ئايال زۇاۋان سۈرەلمەپتۇ.
نۇرغۇن ئادەم ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى راستتىنلا بىلمەي تۇرۇپ، سۇبيېكتىپ ئوي-خىياللار ئاساسىدا باشقىلارغا ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ، قارىسىغا باھالايدۇ، يەنە تېخى ئۆزىچە توغرا ھۆكۈم قىلغاندەك ھېس قىلسىمۇ، ئەمما قەلبى يامان غەرەزگە تولغان بولىدۇ.
باشقىلارنىڭ ياخشى-يامان تەرەپلىرىنى خالىغانچە باھالىماسلىق كېرەك. چۈنكى، نۇرغۇن ئىشلار كۆزىمىز بىلەن كۆرگىنىمىزدەك ئەمەس.
باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى خالىغانچە باھالىماسلىق كېرەك. چۈنكى بەزىلەر ۋاز كەچسە، يەنە بەزىلەر شۇنىڭغا رازى بولىدۇ.
خالىغانچە باھالىماسلىق باشقىلارغا قىلىنغان ئەڭ ئەقەللىي ئاقكۆڭۈللۈكتۇر.
ღ ღ ღ
处高位而不傲慢
يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپمۇ ھاكاۋۇرلۇق قىلماسلىق
人最难得的修为,是见过天地辽阔,依然体谅卑微弱小。
ئادەمدە يېتىلدۈرۈش ئەڭ قىيىن ساپا جاھاننىڭ ھەممە يېرىنى كۆرگەن تۇرۇقلۇقمۇ، يەنىلا باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان، تۆۋەن ۋە ئاجىز ھالەتتە تۇرۇشتۇر.
福楼拜曾在报纸上,看到一位新人作家发表的短篇小说。
فۇ لوبەي ئىلگىرى گېزىتتە بىر يېڭى يازغۇچى ئېلان قىلدۇرغان قىسقا ھېكايىنى ئوقۇپتۇ.
他很欣赏小说的构思和文笔,便主动联系了作者。
ئۇ ھېكايىدىكى پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالغانلىقتىن، ئاپتور بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا ئالاقىلىشىپتۇ.
这位作家立刻邀请福楼拜来家中做客,一边热情地为他倒茶,一边吆喝老佣人抱来他的文稿。
بۇ يازغۇچى دەرھاللا فۇ لوبەينى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىپتۇ ۋە قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭغا چاي قۇيغاچ، قېرى مالاينى ئۆزىنىڭ ئورىگىنالىنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپ ۋارقىراپتۇ.
谁知因为地板湿滑,老佣人不慎跌了一跤,文稿散落得满地都是。
كىم بىلسۇن، پول نەملىشىپ قالغانلىقتىن، قېرى مالاي ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ كېتىپتۇ، ئورىگىنال چېچىلىپ، ھەممە يەرنى بىر ئاپتۇ.
刚刚彬彬有礼的作家,顿时气得从沙发上跳起来,把老佣人骂得全身发抖。
تېخى بايىلا تولىمۇ ئەدەب بىلەن ئولتۇرغان يازغۇچى ئاچچىقىدا كىرىسلودىن چاچراپ تۇرۇپ، قېرى مالاينى تىللاپ، ھالىنى قويماپتۇ.
此后2个小时里,作家不断在面对福楼拜时的笑脸和转向老佣人的怒容之间切换。
شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى سائەت ئىچىدە يازغۇچى فۇ لوبەيگە بولغان خۇش چىرايى بىلەن قېرى مالايغا بولغان غەزەبلىك چىرايىنى ئالماشتۇرۇش بىلەن ئاۋارە بوپتۇ.
等到福楼拜要离开时,作家想让他带走未看完的文稿。
فۇ لوبەي ئايرىلىش ئالدىدا يازغۇچى ئۇنىڭ تېخى كۆرۈپ بولالمىغان ئورىگىنالىنى ئېلىپ كېتىشىنى ئېيتىپتۇ.
老佣人战战兢兢地要去整理。
قېرى مالاي جالاقلاپ تىترىگىنىچە ئورىگىنالنى رەتلىمەكچى بوپتۇ.
作家喝止道:“住手,你还想再糟蹋一次我的文章吗?”
بۇ چاغدا يازغۇچى ئۇنى ۋارقىراپ توختىتىۋېلىپ: «قولۇڭنى تارت، ماقالەمنى يەنە بىر قېتىم دەپسەندە قىلاي دەمسەن؟» دەپتۇ.
他从老佣人粗糙的手中夺走文稿,然后恭恭敬敬地递给福楼拜。
ئۇ قېرى مالاينىڭ يىرىكلەشكەن قوللىرىدىن ئورىگىنالنى يۇلۇپ ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئىززەت-ئىكرام بىلەن فۇ لوبەيگە سۇنۇپتۇ.
福楼拜将文稿推还给他,摆摆手说:“不用再看了,我已领略这些文字背后的灵魂。”
فۇ لوبەي ئورىگىنالنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىپ، قولىنى سىلكىگىنىچە: «يەنە كۆرۈشنىڭ ھاجىتى قالمىدى، بۇ مەزمۇنلارنىڭ ئارقىغا يوشۇرۇنغان ئىدىيەنى چۈشىنىپ بولدۇم» دەپتۇ.
一个人的灵魂是否高贵,不是看他朝上的逢迎,而是看他向下的慈悲。
بىر ئادەمنىڭ ئالىيجاناب ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا ئۇنىڭ يۇقىرىدىكىلەرگە بولغان تەخسىكەشلىكىگە ئەمەس، بەلكى تۆۋەندىكىلەرگە بولغان مېھرىبانلىقىغا قاراش كېرەك.
只有发自内心的谦和、温润,才能获得持久的尊重。
قەلبتىن چىققان كەمتەرلىك، خۇش پېئىللىق، مۇلايىملىق بولغاندا، ئاندىن ئۇزاققا داۋاملىشىدىغان ھۆرمەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا،
چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: تاماقنى ئوبدان يەيدىغانلار ئاددىي ئادەم ئەمەس
◇ خەيرلىك كەچ: بەك كۆپ ئويلىماڭ، قىلىپ بېقىپ ئاندىن بىر نەرسە دەڭ