خۇشخەۋەر! ھەربىر كىشىنىڭ ھەر يىلى 670 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

时事   2024-10-14 14:01   北京  

مالىيە مىنىستىرلىقى: بۇ يىل مەركەز مالىيەسى 66 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى چۈشۈردى

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لەن فوئەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تونۇشتۇردى:

● بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەركەز مالىيەسى 66 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇل مەبلىغى چۈشۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللىدى.

● 1-ئايدىن 9-ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مائارىپ چىقىمى 3 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى.

● مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي جەھەتتىن 3لىك نىسبەت بويىچە پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.

ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت خىراجىتى مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھەربىر كىشىنىڭ ھەر يىلى 94 يۈەنگە، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھەربىر كىشىنىڭ ھەر يىلى 670 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

تيەنئەنمېندە بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ ۋۇ باڭگوغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى

گوۋۇيۈەن بىر قىسىم دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشتى

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

شىنجاڭدىكى بىر جايدا يېڭىدىن ئالتۇن مېتال بايلىقى كۆپەيدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章