خەيرلىك كەچ: ھەممىمىز ئۆزىمىز بىلەن مۇسابىقىلەشكۈچىلەرمىز

时事   2024-10-08 23:50   北京  


我们都是和自己赛跑的人

ھەممىمىز ئۆزىمىز بىلەن مۇسابىقىلەشكۈچىلەرمىز


ღ ღ ღ


  当年有一句话特别流行,你不能修改人生的长度,但你可以修改人生的广度和宽度。但我想,比起广度和宽度,一个人更应该活出生命的深度,越早领悟越能满足。


ئەينى يىلى مۇنداق بىر جۈملە سۆز مودا بولغانىدى: «سىز ھاياتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، ئەمما  ھاياتىڭىزنىڭ كەڭلىكىنى ئۆزگەرتەلەيسىز. بىراق، مېنىڭچە  كەڭلىككە سېلىشتۇرغاندا، ئادەم چوقۇم ھاياتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى نامايان قىلىشى كېرەك. بۇنى قانچە بالدۇر چۈشەنگەن ئادەم شۇنچە بەك قانائەت تاپىدۇ.


ღ ღ ღ


  多年前的学生时代,悠悠是在校园里是最欢迎的类型。她是学生会干部,身上光环很多,成绩好,口才好,老师们也都很喜欢她。可真的到了社会上,大家才突然发现,悠悠最后也就只是成了一名留校的普通老师。校园里的风云人物,未必是后来最优秀的那一个。


كۆپ يىللار ئىلگىرىكى ئوقۇغۇچىلىق دەۋرلىرىدە، يوۋ يوۋ مەكتەپتە ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغانلاردىن ئىدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كادىرى بولۇپ، جەلپكارلىقى كۈچلۈك، نەتىجىسى، نۇتۇق قابىلىيىتى ياخشى ئىدى، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇنىڭغا ئەڭ ئامراق ئىدى. بىراق، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، كۆپچىلىك يوۋ يوۋنىڭ مەكتەپتە قېلىپ، ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىدىن قاتتىق ھەيران قالدى. مەكتەپلەردىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئەڭ مۇنەۋۋەر كىشىلەردىن بولالىشى ناتايىن ئىكەن.

  为什么?最多的原因无非是这两个。


نېمىشقا؟ سەۋەبى بەك بولسا تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپ بولۇشى مۇمكىن.

  第一,他们可能习惯了鲜花掌声,不习惯挫折。从小池塘到了大海里,他们不一定是最优秀的人,心理落差太大,他们抵挡不住。


بىرىنچى، ئۇلار ئالقىشلىنىشقا كۆنۈپ قالغانلىقتىن، مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلالمايدۇ. كىچىك كۆلچەكتىن دېڭىزغا چىققاندا ئۇلارنىڭ يەنىلا ئەڭ مۇنەۋۋەرلەردىن بولالىشى ناتايىن، ئۇلار پىسخىكىسىدىكى چۈشۈش پەرقىنىڭ چوڭلۇقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. 

  第二,他们太容易在学业上很快达到优秀,反而不太专注去追求卓越。看似擅长考试,擅长交际,却未必在真正的能力上得到太大提升。


ئىككىنچى، ئۇلار مەكتەپتە ئاسانلا مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇپ قالغانلىقتىن، قالتسىلىقنى ئانچە قوغلىشىپ كەتمەيدۇ. ئۇلار گەرچە ئىمتىھانلارغا، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىردەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرەلىشى ناتايىن.

  比如悠悠,什么事她都答应得很快,忘得也很快。你再问她的时候,她却说:“啊,我什么时候答应过?不好意思,我忘记了哦。”其实,倒不一定是她真的敷衍,而是需要她花时间的人和事实在太多,她已经没有多少空间专注做某一件事了。


مەسىلەن، يوۋ يوۋنىڭ ھەرقانداق ئىشقا ماقۇل بولۇشىمۇ تېز، ئۇنتۇشىمۇ تېز. كېيىنكى قېتىم سورىسىڭىز، ئۇ: «ھە؟ مەن قاچان ماقۇل بولغان؟ كەچۈرۈڭ، ئۇنتۇپ قاپتىمەن» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ راستتىنلا ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىشنى ئويلىمىغان بولۇشى، ئۇ ۋاقىت سەرپ قىلىشقا تېگىشلىك ئادەم ۋە ئىشلار بەك كۆپ بولۇشى، شۇڭا بىرەر ئىشنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىشقا كۆپ ۋاقتى چىقماسلىقى مۇمكىن. 

  这世上有两种人:一种追求广度,一种追求深度。一种热得快,一种热得慢。成熟得太早,真的未必是好事。


دۇنيادا ئىككى خىل ئادەم بولىدۇ: بىرى كەڭلىكنى قوغلىشىدۇ، يەنە بىرى چوڭقۇرلۇقنى قوغلىشىدۇ. بىرى تېز قىزىيدۇ، يەنە بىرىنىڭ قىزىشى ئاستا. بالدۇر يېتىلىپ قېلىشنىڭ ياخشى ئىش بولۇشى ناتايىن.

  因为,热得快的人,喜欢贪多求快,却经不住时间的考验。而热得慢的人,相信少即是多,慢慢成为了某个领域的专家。


چۈنكى، تېز قىزىيدىغانلار كۆپ ھەم تېز بولۇشنى ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئاستا قىزىيدىغانلار ئاز يىغىلسا كۆپ بولىدىغانلىقى، بارا-بارا مەلۇم ساھەدە مۇتەخەسسىس بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. 


ღ ღ ღ


  有人说,拓展深度才能带来智慧。比如在爱情里,经验越丰富,未必越懂得爱情的智慧。不是你见识过的男人或女人越多,你就一定知道,怎么样才能幸福。


بەزىلەر چوڭقۇرلۇق ئاشسا ئاندىن ئەقىل-پاراسەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ، دېيىشىدۇ. مەسىلەن، مۇھەببەتتە تەجرىبىسى قانچە كۆپ بولغانلارنىڭ مۇھەببەتكە مۇناسىۋەتلىك ئەقىل-پاراسەتلەرنى شۇنچە چۈشىنىدىغان بولۇپ كېتىشى ناتايىن. چۈنكى، سىز ئۇچراتقان قىز ياكى يىگىت قانچە كۆپ بولسا، ئاندىن قانداق قىلغاندا بەختلىك بولغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، دېگىلىمۇ بولمايدۇ. 

  年轻时候的一个同学雯子,她的每次失恋都是一场山崩地裂。她会不停地挨个打电话跟朋友们倾诉,在qq空间里写下很多忧伤的文字,然后把链接发给每一个人。


ياش چاغلىرىمدا ۋېنزى ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى. ئۇنىڭ يىگىتىدىن ھەر قېتىملىق ئايرىلىپ كېتىشى بىر مەيدان داغدۇغا قوزغايتتى. ئۇ توختىماي دوستلىرىغا تېلېفون قىلىپ دەرد تۆكەتتى، qq بوشلۇقىغا نۇرغۇن قايغۇلۇق سۆزلەرنى يازغاندىن كېيىن، ئۇلانمىسىنى ھەممەيلەنگە ئەۋەتەتتى.

  我们都劝她,这么痛苦,分了也好,反正你总是被他伤害。结果,没过多久,她又和男朋友复合了。大家想起自己之前劝告她的话,都尴尬无比。她却还大大方方地继续秀恩爱,这样循环往复几次之后,再没有人把她的失恋当回事了。


ھەممىمىز ئۇنىڭغا: «شۇنچە ئازابلانغاندىن كېيىن، ئايرىلىپ كەتسىڭىزمۇ ياخشى، ئىشقىلىپ دائىملا ئۇنىڭدىن ئازار يەيسىز» دەپ نەسىھەت قىلاتتۇق. بىراق، ئۇ ئۇزاق ئۆتمەي يىگىتى بىلەن يارىشىۋالاتتى. كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغانلىرىنى ئويلاپ بەكلا ئوڭايسىزلىناتتى. ئۇ بولسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك مۇھەببىتىنى كۆز-كۆز قىلىپ يۈرەتتى. مۇشۇنداق ئەھۋال بىر نەچچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن، ھېچكىم ئۇنىڭ يىگىتىدىن ئايرىلىپ كېتىشىگە پەرۋا قىلمايدىغان بولدى. 

  另一个朋友丁丁跟我说:本来还觉得自己的伤口好得太慢,看到她之后,顿时觉得,还是慢一点好吧。


يەنە بىر دوستۇم دىڭ دىڭ ماڭا: «ئەسلىدە ئۆزۈمنىڭ ئازابتىن قۇتۇلۇشۇم ئاستا دەپتىكەنمەن، ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن يەنىلا شۇنداق بولغىنى ياخشىكەن، دەپ ئويلاپ قالدىم» دېدى.

  多年过去了,雯子的男朋友换了一个又一个,年过30岁,依然找不到合适的人。而丁丁在换过一两个男友之后,已经找到了自己的人生归宿。


نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى، ۋېنزى ئارقا-ئارقىدىن لايىق ئالماشتۇردى، گەرچە، 30دىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا مۇۋاپىق ئادەم تاپالمىدى. بىراق، دىڭ دىڭ 2-1 لايىق ئالماشتۇرۇپلا ئۆز بەختىنى تېپىۋالدى.

  我发现,丁丁每次失恋之后,很少跟朋友们诉苦吐槽。


مەن دىڭ دىڭنىڭ ھەر قېتىم يىگىتىدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، دوستلىرىغا ناھايىتى ئاز دەرد تۆكىدىغانلىقىنى بايقىدىم.

  我问她:你难道真的不难过吗?


ئۇنىڭدىن: «ئەجىبا، راستتىنلا كۆڭلىڭىز يېرىم بولمامدۇ؟» دەپ سورىدىم.

  她说:第一次失恋真的特别伤心,可走出来之后,发现自己成长了太多,反而找到了和伤口相处的一种方式,成为了自己的医生。


ئۇ: «تۇنجى قېتىم يىگىتىمدىن ئايرىلىپ كەتكەندە، ھەقىقەتەن بەكلا ئازابلانغان. بىراق، بۇ ئازابلاردىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ خېلىلا پىشىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، ئازابقا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان ئۇسۇل تېپىپ، ئۆزۈمنىڭ دوختۇرىغا ئايلاندىم» دېدى.

  越是伤痛,其实越是在提醒你,该停下来了,该仔细思考了:这是如何开始的,为什么会变成这样,后面的路又应该如何走?这个过程,让伤口看似好得更慢,但它不会再复发。


ئەمەلىيەتتە، قانچە ئازابلانغانچە ئۆزىڭىزنى شۇنچە «تەمكىن تۇتۇشىڭىز، ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىنىشىڭ كېرەك» دەپ ئەسكەرتسىڭىز ياخشى بولىدۇ: بۇ قانداق باشلانغان، نېمىشقا شۇنداق بولۇپ قالىدۇ، كېيىنكى يوللارنى قانداق مېڭىش كېرەك؟ بۇ جەرياندا ئازابنىڭ ئۇنتۇلۇشى قارىماققا ئاستا بولغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما قايتا قوزغالمايدۇ.

  太多人,都是这个恋人不行,那就换下一个。结果换到下一个,问题还是一样的问题。广度带来的是经验,但经验未必带来智慧。只有慢慢地疗愈自己,耐心调整好五脏六腑,挖掘内在的深度,才能真正感受到自己身体里的智慧,如植物一样生长起来,绿草茵茵。


نۇرغۇن ئادەم بىرەر لايىقىنى بولمايدىكەن دەپ ئويلىسا، يەنە بىرنى ئالماشتۇرۇش كېرەك، دەپ قارايدۇ.  بىراق، ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، مەسىلىنىڭ يەنىلا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. كەڭلىكتىن تەجرىبىگە ئېرىشىمىز، بىراق تەجرىبىدىن ئەقىل تېپىشىمىز ناتايىن. ئۆزىمىزنى ئاستا-ئاستا داۋالاپ، ئەھۋالىمىزنى سەۋرچانلىق بىلەن تەڭشەپ، ئىچكى دۇنيارىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى قېزىپ چىقىرالىساقلا، ۋۇجۇدىمىزدا مەۋجۇت بولغان ئەقىل-پاراسەتنى ھەقىقىي ھېس قىلالايمىز، ئۆسۈملۈككە ئوخشاش ئۆسۈپ، باراقسانلايمىز.


ღ ღ ღ


  其实,深度,更是不断超越自己。


ئەمەلىيەتتە، چوڭقۇرلۇق دېگىنىمىز  توختىماي ئۆزىدىن ھالقىشنى كۆرسىتىدۇ. 

  很多同学朋友羡慕我,拥有自在的生活,不被规则束缚。可他们不清楚的是,十年前,当别人都已睡去,我还在寝室里敲打键盘的时候,我也不知道,对文字的坚持,能成就我现在的人生。


نۇرغۇن ساۋاقداشىم مېنىڭ ئەركىن تۇرمۇشقا ئېرىشىپ، قائىدە-پىرىنسىپلار سەۋەبلىك چەكلىنىپ قالمىغانلىقىمغا ھەۋەس قىلىدۇ. بىراق، ئۇلار 10 يىل ئىلگىرى باشقىلار ئۇخلاۋاتقاندا، مېنىڭ ياتاقتا خەت ئۇرۇپ ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيدۇ. شۇ چاغدا مەنمۇ يېزىقچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇشۇمنىڭ مېنى ھازىرقىدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. 

  人的一生,说起来似乎有七八十年,但真正决定人生方向的,不过就是20岁到30岁的这十年之间。


ئادەمنىڭ ھاياتى، گەرچە 80-70 يىل دېيىلسىمۇ، ئەمما ھايات يۆنىلىشىنى ھەقىقىي بەلگىلەيدىغىنى 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان 10 يىل.

  如今的社会,已经越来越不稀罕八爪鱼一样的人,而是稀缺能够活出深度的人。很多人被匠人精神鼓舞,震惊那些工匠为什么可以数十年如一日做一件事,做到极致。那是他们都深知:以普通人的资质而言,用十年时间做一件事,幸运的话,顶多也不过做到优秀。可就算这样,也比在十年里一件事都没有做好的人生,要完美得多。


ھازىرقى جەمئىيەت بارغانسېرى سەككىز ئاياغقا ئوخشاشلارنى ئەمەس، بەلكى ھاياتنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا يېتەلەيدىغانلارنى قەدىرلىمەكتە. نۇرغۇن ئادەم ھۈنەرۋەنلەرنىڭ روھىدىن ئىلھاملىنىدۇ، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن نەچچە 10 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، بىرلا ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغانلىقىغا ھەيران قالىدۇ. چۈنكى، ئۇلار مۇنۇلارنى بىلىدۇ: ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار 10 يىلدا بىرلا ئىشنى قىلىدۇ، تېخى تەلىيى بولسا ئاندىن ئۇ ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالايدۇ. بىراق، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ 10 يىلغىچە بىرەرمۇ ئىش قىلمىغان ھاياتقا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا كۆپ مۇكەممەل بولىدۇ. 

  我想说,我20岁的时候,也不知道自己有什么天赋,只是把自己愿意做的一件事一直做下去而已。当你付出越多,收获越多,你遗憾的就越来越少了。


مەن 20 يېشىمدا قانداق تالانتىم بارلىقىنى بىلمەيتتىم، ئەمما ئۆزۈم خالىغان بىرلا ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردۇم، خالاس. تۆلىگەن بەدىلىڭىز قانچە كۆپ بولغانسېرى، ئېرىشىدىغىنىڭىز شۇنچە كۆپىيىدۇ، ئەپسۇسلىنىدىغىنىڭىز شۇنچە ئازىيىدۇ.

  那些把时间精力都交给一件事的人,那些信奉少即是多的人,幸福感和满足感为什么比普通人更强?因为他们永远都会清楚看到自己的每一点进步。昨天还觉得外语难上加难,今天已经可以讲几句日常对话了。昨天还不知道ppt怎么做,今天就至少熟练操作了。昨天还语法不通,今天至少可以流畅写完一千字了。


ۋاقتى ۋە زېھنىنى بىرلا ئىشقا مەركەزلەشتۈرگەنلەر، ئاز يىغىلسا كۆپ بولىدۇ، دېگەن قائىدىگە ئىشىنىدىغانلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە قانائەتلىنىش تۇيغۇسى نېمىشقا ئادەتتىكى ئادەملەردىن يۇقىرى بولىدۇ؟ چۈنكى، ئۇلار مەڭگۈ ئۆزىدىكى زەررىچىلىك ئىلگىرىلەشنىمۇ ئېنىق كۆرەلەيدۇ. تۈنۈگۈن تېخى چەت ئەل تىلىنى بەك قىيىنكەن، دەپ ئويلىغانىدۇق، بىراق  بۈگۈن تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر نەچچە ئېغىز سۆزنى قىلالايدىغان بولدۇق. تۈنۈگۈن تېخى pptنى قانداق قىلىشنى بىلمەيتتۇق، بىراق بۈگۈن پىششىق بولۇپ كەتتۇق. تۈنۈگۈن تېخى گىرامماتىكا بىلمەيتتۇق، ئەمما بۈگۈن 1000 خەتلىك مەزمۇننى راۋان يازالايدىغان بولدۇق.

  所谓人生的深度,就是和自己赛跑,不断超越自己啊。只有这样,才能越来越自信,才能相信,这一生没有白费。


ھاياتنىڭ چوڭقۇرلۇقى دېگىنىمىز ئۆزى بىلەن مۇسابىقىلىشىش، توختىماي ئۆزىدىن ھالقىشنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن بارغانسېرى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولىدۇ، ئاندىن بىھۇدە ياشىمىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. 

  你这一生,能走到最深的地方在哪里,才决定你成为谁。


ھاياتىڭىزدا قانچىلىك چوڭقۇرلۇققا يېتەلىشىڭىز سىزنىڭ كىم بولۇشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.


         كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

         مەنبە: خەلق تورى



خەيرلىك كەچ سەھىپىسى

 خەيرلىك كەچ: مىجەزىڭىز تەلىيىڭىزگە توسالغۇ بولمىسۇن

 خەيرلىك كەچ: شەپقەتچىڭىز دەل ئۆزىڭىز

 ئېرىشكەنلىرىڭىز ئاسان قولغا كەلمىگەن




خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章