قانۇن ئىجرا قىلىشتا قالايمىقان ئىش قىلىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ

时事   2024-10-15 21:00   北京  

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى: كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قانۇن ئىجرا قىلىشتا قالايمىقان ئىش قىلىش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق مەسىلىلىرى ھەقىقىي ھەل قىلىنىدۇ

10-ئاينىڭ 14-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش-يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

 ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ ۋېيليې يىغىندا مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىرقى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشتا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ماسلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرىدۇ ھەم باشقا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، نازارەت قىلىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، نازارەت قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ.

 خۇ ۋېيليې مۇنداق بىلدۈردى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى كۈچلۈك قانات يايدۇرۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قانۇن ئىجرا قىلىشتا قالايمىقان ئىش قىلىش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىدۇ. يېقىندا، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى قانۇنچىللاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتىغا قارىتا قانۇن ئىدارە قىلىش بويىچە نازارەت قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، نۆۋەتتە، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە كارخانىلارغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قانۇن ئىجرا قىلىش، كىرىم قىلىشقا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەش ئەھۋالىنى مەخسۇس نازارەت قىلىۋاتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

مالىيە مىنىستىرلىقى كۆيدۈرۈۋېتىشكە قوشۇلدى

خۇشخەۋەر! ھەربىر كىشىنىڭ ھەر يىلى 670 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

خۇشخەۋەر!مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشتى

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

شىنجاڭدىكى بىر جايدا يېڭىدىن ئالتۇن مېتال بايلىقى كۆپەيدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章