بىراۋنىڭ تۇيۇقسىزلا تاشلاپ كېتىشىنى قانداق چۈشىنىمىز
تۇرمۇشتا ھەر بىر ئادەمدە ئازدۇر-كۆپتۇر گۇمان، گاڭگىراش ۋە باش ئاغرىقى بولىدۇ. نۇرغۇن سوئالنىڭ بىرلىككە كەلگەن جاۋابى يوق، لېكىن بەزىدە ئويلىمايلا ئېيتىلغان بىر جۈملە سۆز بىلەن ھەممىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولۇپ، كۆڭلىمىز ۋاللىدە يورۇپ كېتىدۇ.
سىزمۇ ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سۇئاللارنى سوراپ باققانمۇ؟ جاۋابىغا ئېرىشەلىدىڭىزمۇ؟
يالغۇزلۇق دېگەن نېمە؟
يالغۇزلۇق __ چەكسىز كەتكەن سوغۇق دېڭىزدا ئۆزى يالغۇز سەرسان يۈرۈش ئەمەس، بەلكى قاينام-تاشقىنلىققا تولغان كىشىلەر توپى ئارىسىدا سىزگە تەۋە ئورۇننىڭ بولماسلىقىدۇر.
قانداق ئادەملەر ئەقىللىق ھېسابلىنىدۇ؟
ئەقىللىق كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھەر ۋاقىت ئوچۇق-يورۇق روھىي ھالەتنى ساقلايدۇ، «ئاتالمىش» يۈز-ئابروي ئۈچۈن ئەرزىمەس بەدەللەرنى تۆلىمەيدۇ، پۈتۈن كۈچى بىلەن «ئۆزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى» ئىسپاتلاپ يۈرمەيدۇ.
قايسى ئىشلار بەك ئاددىي، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر قىلالمايدۇ؟
سالامەتلىكىڭىز يار بەرمىگەندە باشقىلارنى ئويلىيالمايسىز، باشقىلارغا كۆيۈنگۈدەك مادارىڭىزمۇ قالمايدۇ. شۇڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا ياخشى ئارام ئېلىڭ، قانۇنىيەتلىك ئوزۇقلىنىڭ، ساغلاملىقىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ.
ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتكەن قانداق تەكلىپلەر بار؟
ئوينىغاندا ئۆزىڭىزنى قويۇۋېتىپ قانغۇچە ئويناڭ؛ ئۆگەنگەندە پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگىنىڭ؛ تەپەككۇرىڭىزنى قاناتلاندۇرۇپ ئەركىن چوڭ بولۇڭ. قەلبىڭىزدىن سۆيىدىغان ئىشىڭىز ۋە سۆيۈشكە ئەرزىيدىغان ئادىمىڭىز ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ. ئاقكۆڭۈل بولۇڭ، زۆرۈر تېپىلغاندا قاتتىق قوللۇقمۇ قىلىپ قويۇڭ.
مەلۇم مۇناسىۋەتنىڭ ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
سىزدە «چىداپ ئۆتكۈزۈۋەتسەملا ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن ئوي پەيدا بولغان كۈندىن باشلاپ، قارشى تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرگەن بولىدۇ.
بىراۋنىڭ تۇيۇقسىزلا تاشلاپ كېتىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
بىزنى تاشلاپ كەتكەنلەر ھىچنىمىمىزنى ئېلىپ كەتمىدى، ئۇلار ھاياتىمىزنىڭ مەلۇم قىسىمى خالاس، ئۇلارنىڭ تاشلاپ كېتىشى بىلەن بىز ھىچنىمىمىزدىن ئايرىلىپ قالمىدۇق، ئەكسىچە ھايات سەپىرىمىزنى تېخىمۇ بېيىتتۇق.
جەلىپكارلىقىمىزنى ئاشۇرىدىغان قانداق ئۇسۇللار بار؟
بىر ئىشنى قارار قىلغانىكەنسىز ئىككىلەنمەڭ، ئۇ سىزنىڭ ئەڭ ياخشى قارارىڭىز، مۇستەھكەم روھىي ھالەت سىزنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرىدۇ؛ يۈز بېرىپ بولغان ئىشنى تەمكىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭ، غەم-ئەندىشىسىز پىسخىكا تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ ئازادە قىلىدۇ.
قارارىمىزنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟
قارار چىقارغان ۋاقتىڭىزدا قەتئىي ئويغا كېلىپ قىلچە ئىككىلەنمىسىڭىز توغرا قارار چىقارغان بولىسىز.
نېمىشقا نۇرغۇن كىشىلەر ئازابلىنىشقا رازىكى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىپ باقمايدۇ؟
ئازابقا بەرداشلىق بېرىش مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن ئاسان، بەختسىزلىككە بەرداشلىق بېرىش بەختتىن بەھرىمەن بولۇشتىن ئاسان. ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى بەك ھورۇن بولغاچقا، دائىم ئىختىيارسىز ھالدا تېخىمۇ ئاسان، ئاددىي يولغا ئىنتىلىدۇ.
چۈشكۈنلەشكەن ۋاقىتىمىزدا نېمە ئىش قىلساق ئەڭ ياخشى؟
ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئاجىزلىغانسېرى سىرتقى ئىپادىسىدە قاتتىقلىق، سوغۇق مۇئامىلە ۋە شەخسىيەتچىلىك ئەكس ئېتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسى كۈچلەنگەندە ئۇنىڭدا تەبىئىيلا مۇلايىملىق، دوستانىلىق، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشتەك گۈزەل پەزىلەت نامايان بولىدۇ. چۈشكۈنلەشكەن ۋاقىتىمىزدا ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزنى سۆيۈشىمىز، ھەقىقى ئۆزىمىز بولۇشىمىز كېرەك.
来源:石榴云
翻译:古丽加玛丽
编辑:帕夏古丽
一审:阿依古丽,热依汗古丽
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江