ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇماقچى بولغانلار دىققەت! تىزىملىتىش باشلاندى

时事   2024-10-14 19:30   北京  

2025-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 10-ئاينىڭ 15-كۈنى باشلىنىدۇ

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇر تورىدىن ئىگىلىنىشىچە، «2025-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ئۇقتۇرۇشى» يېقىندا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تىزىملىتىشنىڭ توردا تىزىملىتىش ۋە توردا جەزىملەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە (توردا ئالدىن تىزىملىتىش ۋاقتى 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە بولىدۇ، ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ)، ھەر كۈنى سائەت 9:00 دىن 22:00 گىچە بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا «جۇڭگو ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇر تورى» (https://yz.chsi.com.cn)غا كىرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، تەلەپ بويىچە ھەقىقىي ماتېرىياللارنى تولدۇرۇشى ھەمدە تەمىنلىشى كېرەك.

توردا جەزىملەشتۈرۈش ۋاقتىنى ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە مەزكۇر رايوننىڭ ئىمتىھانغا تىزىملىتىشقا تەشكىللەش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ، كونكرېت جەزىملەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئالاقىدار ئىمتىھانغا تىزىملىتىش نۇقتىلىرى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا تىزىملىتىش نۇقتىسىغا ئاكتىپ ماسلىشىپ توردا جەزىملەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇچۇرىنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ ھەمدە جەزىملەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تولۇقلىما ماتېرىيال تاپشۇرۇشى كېرەك.

بارلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توردا تىزىملىتىش ۋە توردا جەزىملەشتۈرۈشكە قاتنىشىشى، «ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سەمىمىي ئىمتىھان بېرىش ۋەدىنامىسى»نى ئىمزالىشى ھەمدە ئالاقىدار ۋەدىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك، ۋاقتى ئۆتكەندە تولۇقلاپ بېجىرىشكە بولمايدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توردا ئۇچۇرنى خاتا تولدۇرغان، ساختا ئۇچۇرلارنى تولدۇرغانلىقتىن ئىمتىھان بېرەلمەسلىك (دەسلەپكى ئىمتىھان، قايتا ئىمتىھاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى قوبۇل قىلىنماسلىق كېلىپ چىققان بولسا، ئاقىۋىتىنى ئىمتىھان بەرگۈچى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.



       بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ تېلېۋىزور كۆرۈشتىكى بۇ مەسىلە ھەل بولدى

◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章