جۇڭگو 24دۆلەت بىلەن ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى

时事   2024-10-11 09:03   北京  

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو 24 دۆلەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى

 10-ئاينىڭ 8-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىشنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا سوئال سورىدى.

 ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو ساياھىتى»نىڭ جانلىنىشى جۇڭگونىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئېچىۋېتىش قىياپىتىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو 24 دۆلەت بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى، 16 دۆلەتكە قارىتا ۋىزىسىز چېگرادىن كىرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، 54 دۆلەتكە قارىتا 72 سائەت ياكى 144 سائەت چېگرادىن كىرىشتە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويدى، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىش رەسمىيىتى ئۈزلۈكسىز ئاددىيلىشىپ، جۇڭگودىكى تەسىراتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى.

 ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، چېگرادىن كىرىپ-چىقىشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ. بىز تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك دوستلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ساياھەت قىلىشىنى، گۈزەل تاغ-دەريالاردىن ھۇزۇرلىنىشىنى، سېھرىي كۈچكە تولغان جۇڭگونى ھېس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

ھۆكۈمەت تەرەپ پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بەردى

نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى: باھا تۆۋەنلىتىلىدۇ

مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى

ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك

كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章