خەيرلىك كەچ | توي تۇرمۇشى جەڭ مەيدانى ئەمەس

时事   2024-10-07 22:00   北京  

خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەر بىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ.

ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز. 
ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 




让爱人小胜,你才能完胜

ئامراق ئادىمىڭىزنى كىچىك غەلىبىگە ئېرىشتۈرسىڭىز، ئاندىن چوڭ غەلىبىگە ئېرىشەلەيسىز


ღ ღ ღ


  有姐妹俩,都是特厉害的主儿,在各自家里都拥有绝对领导权。

بىر جۈپ ئاچا-سىڭىلنى تونۇيتتىم، ئۇ ئىككىلىسى بەك ئازازۇل بولۇپ، ئۆيىدە بولسا مۇتلەق زومىگەرلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. 

  某日,姐姐无意中发现老公居然偷偷给婆婆钱,数量虽不多,但行径不能姑息,盛怒之下,劈头盖脸一顿臭骂。

مەلۇم بىر كۈنى، ئاچىسى ئېرىنىڭ ئۆز ئاپىسىغا يوشۇرۇنچە پۇل بەرگەنلىكىنى بىلىپ قاپتۇ، پۇل سانى بەك كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئىشنى تۇتۇۋېلىپ توختىمىدى، ئاچچىقىدا ئېرىنىڭ يۈزىنى ئاياپ قويماي، قاتتىق تىللاپ كەتتى. 

  她不是心疼钱,怒的是老公居然瞒着自己——你给你妈钱我从没反对过,我这么大度了,你还偷着给,几个意思你?

ئۇ پۇلغا ئىچى ئاغرىپ ئەمەس، بەلكى ئېرىنىڭ ئۆزىدىن يوشۇرۇنچە ئىش قىلغانلىقىغا ئاچچىقى كەلگەن ئىدى، __ ئاپىڭىزغا پۇل بېرىشىڭىزگە ئەزەلدىن قارشى تۇرۇپ باقمىدىم، مەن شۇنچە كەڭ قورساق تۇرسام، يەنە ئوغرىلىقچە بەرگىنىڭىز نېمىسى؟

  不想,多年忍辱负重的男人居然也怒了,说我就给了,怎么着吧。

ئويلىمىغان يەردىن، ئۇزۇن يىل ھاقارەتكە چىداپ، ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالغان ئەر ئاچچىقلىنىپ: «بەرسەم بەردىم، قانداق؟!» دېدى. 

  一场恶战爆发,妹妹和妹夫赶去救火。

بىر مەيدان شىددەتلىك ئۇرۇش پارتلىدى، سىڭلىسى بىلەن سىڭلىسىنىڭ ئېرى بېرىپ نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى. 

  姐姐本就强势,加上得理,一副咄咄逼人的态势。

ئاچىسى ئۆيدە ئەسلىدىنلا يۇقىرى ئورۇندا ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىم ئۇنىڭ يوللۇق بولغاچقا، قاتتىق ھەيۋە بىلەن سۆزلەۋاتاتتى. 

  姐夫在这件事上理亏,却像揭竿起义的奴隶一样,痛陈这么多年的压抑和冤屈。

ئاچىسىنىڭ يولدىشى بۇ ئىشتا توغرا قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن خۇددى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن قۇللارغا ئوخشاش، شۇنچە كۆپ يىلدىن بۇيانقى بېسىم ۋە ئۇۋالچىلىقلىرىنى بايان قىلىۋاتاتتى. 

  因为姐妹俩都是说一不二的暴脾气,姐夫本以为妹夫肯定也和他一样一肚子怨气,期待得到他的理解和支持。

ئاچا-سىڭىل ئىككىلىسى ئۆز ئۆيىدە دېگىنىنى قىلماي قويمايدىغان قوپال مىجەزلىك بولغاچقا، ئاچىسىنىڭ يولدىشى ئەسلىدە سىڭلىسىنىڭ يولدىشىنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئۇۋالچىلىق تارتتى، دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئويلىدى. 

  不想妹夫却淡定得很,劝姐夫不要生气,说家有女领导,日子过得好,他跟老婆一直相处愉快。

كىم بىلسۇن، سىڭلىسىنىڭ يولدىشى ناھايىتى سوغۇققانلىق بىلەن ئاچىسىنىڭ يولدىشىنى ئاچچىقلانماسلىققا نەسىھەت قىلىپ، «ئۆيدە ئايالىڭىزنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويسىڭىز، كۈنلىرىڭىز خاتىرجەم ئۆتىدۇ، مەنمۇ ئايالىم بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتۈۋاتىمەنغۇ» دېدى. 

  姐姐就更得理,说你看人家那境界,再看你。

ئاچىسى ئۆزىنىڭكىنى تېخىمۇ يوللۇق ھېس قىلىپ: «باشقىلارنىڭ سەۋىيەسىگە قاراپ بېقىڭە، ئۆزىڭىزگە قاراپ بېقىڭە» دېدى. 

  妹妹却站在了姐夫一边,偷偷对姐姐说,不是他境界高,是我经常让着他。他背地里给他妈多少次钱了,我都装不知道,从没指责他一次。

سىڭلىسى بولسا يېزنىسى تەرەپتە تۇرۇپ، بوش ئاۋازدا ئاچىسىغا: «ياخشى ئۆتۈشىمىز ئۇنىڭ سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ دائىم ئۇنىڭغا يول قويغانلىقىمدا. ئۇمۇ يوشۇرۇنچە ئاپىسىغا نۇرغۇن قېتىم پۇل بەردى، مەن بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالدىم، ئۇنى بىر قېتىممۇ ئەيىبلىمىدىم» دېدى. 

  姐姐不解:你怎么能惯他这毛病?

ئاچىسى چۈشەنمەي: «نېمىشقا ئۇنىڭ بۇ ئىللىتىگە يول قويۇۋېرىسەن؟» دەپ سورىدى. 

  妹妹说,谁没点私心呢?他不傻,不会把我们家存款都搬他妈那去,偶尔给点钱,无伤大体。他不说,有不说的道理,这些小事你随了他的意,大事他才心甘情愿听你的话。过日子不是体育比赛,要分毫必争,你适当让他小胜几次,他心里才舒坦,你们俩也才能过得顺当不是。

سىڭلىسى مۇنداق دېدى: «كىمنىڭ شەخسىي غەرىزى يوق دەيسەن؟ ئۇمۇ ئەخمەق ئەمەس، ئۆيدىكى پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئاپىسىغا بېرىۋەتمەيدۇ، ئانچە-مۇنچە پۇل بېرىپ قويغانغا بىر ئىش بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ دېمەسلىكىدە ئۆزىنىڭ ئاساسى بار، بۇنداق كىچىك ئىشلاردا ئۇنىڭ رايىغا باقساڭ، چوڭ ئىشلاردا ئۇ ئۆز رازىلىقى بىلەن گېپىڭنى ئاڭلايدۇ. بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش ھەرگىزمۇ چوقۇم يېڭىش كېرەك بولغان تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئەمەس، مۇۋاپىق ھالدا ئۇنىڭغا بىر نەچچە قېتىم يول قويساڭ، ئۇنىڭ كۆڭلى ئازادە بولىدۇ، ئىككىڭلار ئاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلەيسىلەر، شۇنداق ئەمەسمۇ؟»

  ——姐妹俩,同样是女强男弱的家庭,其实幸福感和稳定性是完全不一样的。姐夫处在水深火热的忍耐和不快中,妹夫却轻轻松松自得其乐。

__ ئاچا-سىڭىل ئىككىلىسىنىڭ ئائىلىسى ئوخشاشلا ئاياللار كۈچلۈك، ئەرلەر ئاجىز ئائىلە بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بەخت تۇيغۇسى ۋە مۇقىملىق جەھەتتە پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى. ئاچىسىنىڭ يولدىشى ئامالسىز چىداش ۋە ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ئىدى، ئەمما سىڭلىسىنىڭ يولدىشى بولسا ئەركىن-ئازادە، خۇشال ئىدى. 


ღ ღ ღ


سىڭلىسىنىڭ پاراسىتى شۇ يەردىكى، ئۇ بارلىق ئوي-خىياللىرىنى قارشى تەرەپكە يۈكلىمەي، ئۆزى ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە قارشى تەرەپنى قىسمەن كىچىك غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن ئىدى. بۇنداق بولغاندا، قارشى تەرەپ ئۆزىنى پۈتۈنلەي باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاندەك ھېس قىلمىغان، كۆڭلىدە قارشىلىشىشتەك پاسسىپ كەيپىيات پەيدا بولمىغان بولغاچقا، ئىككىسى كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن ياخشى ئۆتكەن ئىدى. 

نۇرغۇن ئائىلىلەر بىر تەرەپ ئىنتايىن كۈچلۈك، بىر تەرەپ ئىنتايىن ئاجىز بولغان ئىككى كىشىنىڭ بىرىكمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندە، ئەگەر بۇنداق ئەر-خوتۇنلار ھەقىقەتەن ئىناق بولسا، چوقۇم كۈچلۈك تەرەپ يول قويغان بولىدۇ. كۈچلۈك بولغان تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپنى كونترول قىلىش، ئۆزىنىڭ گېپىگە كىرگۈزۈش ئىقتىدارى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنداق قىلمايدۇ، يەنە بىر تەرەپكە بوشلۇق قالدۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپنىمۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا يېتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاجىز تەرەپنىڭ پىسخىكىسىمۇ تەڭپۇڭ بولىدۇ، ئاچچىقىنى ئىچىگە يۈتۈپ يۈرمەيدۇ، بىر كۈنلىرى پارتلاپمۇ چىقمايدۇ. 

توي تۇرمۇشى ئىككى ئادەمنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىقى بولۇپ، ھەرقانداق ھەمكارلىقتا مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈز بېرىدۇ، توقۇنۇش بولغان ئىكەن جېدەللىشىش بولىدۇ، ئەگەر جېدەل بەك كەسكىن بولۇپ كەتسە، مۇناسىۋەت بۇزۇلىدۇ. 

  而婚姻不是战场,我们追求的,应该在不破坏基本和谐的前提下,争取自己的利益。所以强势的一方必须知道,必须尊重对方的感受,不能把好处占尽,也不能一切都由着自己。婚姻关系的平衡,需要彼此退让——即便你有能力完全让对方让步,也不该那么做。很多时候,能不能和该不该绝对是两回事。

توي تۇرمۇشى جەڭ مەيدانى ئەمەس، بىز ئاساسىي ئىناقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا، ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. شۇڭا، كۈچلۈك تەرەپ چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىشنى بىلىشى، ياخشى ئىشنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىۋالماسلىقى، ھەممىدە ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىۋالماسلىقى كېرەك. توي مۇناسىۋىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ئۆزئارا يول قويۇشقا مۇھتاج. سىزنىڭ ھەممە ئىشتا قارشى تەرەپنى گېپىڭىزگە كىرگۈزۈش ئىقتىدارىڭىز بولسىمۇ، ئۇنداق قىلماسلىقىڭىز كېرەك. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، بىر ئىشنى قىلىش قولىڭىزدىن كېلىش بىلەن قىلىش-قىلماسلىق ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىش. 

  有个趣事。说有一位大作家,每次交书稿,都会画上一只不伦不类的狗,坚持要放在书的最后一页。编辑每次都为了这只狗大伤脑筋,强烈要求去掉。争来争去,作家同意让步,去掉那只狗,但条件是不再对他作品的其他部分做任何改动。编辑无奈,只好同意。其实作家在意的哪里是那只狗,他只是不想让编辑修改他的作品。之所以搞出那只莫名其妙的狗,只是为了平衡编辑的心理,让编辑小胜,而他完胜。

بىر قىزىقارلىق ھېكايىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بىر داڭلىق يازغۇچى ھەر قېتىم كىتاب ئارگىنالىنى تاپشۇرغاندا، قاملاشمىغان بىر ئىتنى سىزىپ، كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتىگە قوشۇپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇۋالىدىكەن. مۇھەررىر ھەر قېتىم بۇ ئىتنىڭ رەسىمى ئۈچۈن باش قاتۇرىدىكەن، ئۇ ئىتنىڭ رەسىمىنى چىقىرىۋېتىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدىكەن. ئۇيان تالىشىپ، بۇيان تالىشىپ، يازغۇچى ئاخىرى يول قويۇپ، ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ باشقا قىسىملىرىغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەسلىك شەرتى بىلەن، ئۇ ئىتنىڭ رەسىمىنى چىقىرىۋېتىشكە قوشۇلىدىكەن. مۇھەررىرمۇ ئامالسىز قوشۇلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە يازغۇچىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى نەدىمۇ ھېلىقى ئىتنىڭ رەسىمى بولسۇن؟ ئۇ پەقەتلا ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى مۇھەررىرنىڭ ئۆزگەرتىشىنى خالىمايدىكەن. مۇھەررىرنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، مۇھەررىرنى كىچىك غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ، ئۆزى چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ھېلىقى غەلىتە ئىتنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ چىققان ئىكەن. 

  懂得让对方心理平衡,是高情商的行为。其实婚姻里面哪有绝对的原则,有时候小妥协是为了大胜利。如果你锱铢必较局局必胜,最后迎来的很可能不是想象中大满贯,而是脆弱关系的崩溃。让对方小胜几次,才是让婚姻安定团结、和谐发展的长久之计。

ئىشنىڭ ئېپىنى بىلىدىغان كىشىلەر قارشى تەرەپنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى بىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە توي تۇرمۇشىدا نەدىمۇ مۇتلەق پىرىنسىپ بولسۇن؟ بەزىدە كىچىك ئىشلاردا مۇرەسسە قىلىش __ چوڭ ئىشلاردا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ. ئەگەر سىز يىپىدىن يىڭنىسىگىچە تالاشسىڭىز، چوقۇم غەلىبە قىلىسىز، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا كۈتۈۋالىدىغىنىڭىز تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى تولۇق غەلىبە بولماستىن، بەلكى ئاجىز مۇناسىۋەتنىڭ يىمىرىلىشى بولۇشى مۇمكىن. قارشى تەرەپنى بىرنەچچە قېتىم كىچىك غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈش توي تۇرمۇشىنى تىنچ، ئىتتىپاق، ئىناق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك پىلاندۇر. 


تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز


         كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر، تۇرغۇن ئابلىز

         مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

         مەنبە: خەلق تورى




خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ | يۇقىرى دەرىجىلىك تەلەپچان كىشىلەر قانداق بولىدۇ؟

 بالا تەربىيەسىدە قىلغان ھورۇنلۇقىڭىز ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق

 خەيرلىك كەچ | سىز بىر رەقىبكە مۇھتاج

◇ خەيرلىك كەچ | بالىڭىزنى قانداق بېقىۋاتىسىز؟

◇ بۇ تۆت تۈرلۈك ئادەم بىلەن قويۇق ئارىلىشىش ئەڭ ياخشى كۈتۈنۈشتۇر

◇ تەلەيلىك ئادەملەر ئەزەلدىن باشقىلاردىن ئۈمىد كۈتمەيدۇ

◇ خەيرلىك كەچ | باشقىلار قانداق ئويلاپ قالار؟

◇ خەيرلىك كەچ| ئىچكى دۇنياسى ھەقىقىي كۈچلۈك ئادەملەر قانداق بولىدۇ

◇ ئادەمنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرىدىغان تۆت خىل پاراڭلىشىش ئۇسۇلى

◇ خەيرلىك كەچ | سىزنى ئۆمۈرلۈك نەپكە ئېرىشتۈرىدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى

◇ ئەتراپىڭىزدىكىلەردىن زېرىككەن بولسىڭىز تىرىشىپ ئۇلاردىن ئايرىلىڭ

 كۆز-كۆز قىلىشقا ئامراق ئادەم ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى كەمسىتىدۇ

 خەيرلىك كەچ | ئائىلىڭىزدىكىلەرگە قانداق گەپ قىلىسىز؟

 خەيرلىك كەچ | مۇنەۋۋەر كىشىلەرنىڭ مۇنەۋۋەر بولۇشىدىكى سەۋەب





خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
uyghur.people.com.cn

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章