مالىيە مىنىستىرلىقى كۆيدۈرۈۋېتىشكە قوشۇلدى!
پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى ئويۇن قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، لاتارىيە بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا (10-ئاينىڭ 12-كۈنى)، مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ سېتىش توختىتىلغان «ليۇ ليۇ شۈن» قاتارلىق 28 خىل نەق مەيداندا ئېچىش تىپىدىكى جەمئىي 985 مىڭ 660 پارچە، تەخمىنەن 10 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتىنى توغرىۋېتىش شەكلىنى قوللىنىپ تەشكىللەپ كۆيدۈرۈۋېتىشكە قوشۇلدى،. ئىگىلىنىشىچە، 2023-يىل 9-ئايدا، مالىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ «ليۇ ليۇ شۈن» قاتارلىق 41 خىل نەق مەيداندا ئېچىش تىپىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى ئويۇنىنى سېتىشنى توختىتىشىغا قوشۇلغان.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
تيەنئەنمېندە بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ ۋۇ باڭگوغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى
گوۋۇيۈەن بىر قىسىم دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى
10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ
زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى
تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى
شىنجاڭدىكى بىر جايدا يېڭىدىن ئالتۇن مېتال بايلىقى كۆپەيدى
ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە