شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

时事   2024-10-16 19:01   北京  

شىنجاڭدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت خىراجىتى ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

بۇ يىل شىنجاڭنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت خىراجىتى ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 2023-يىلىدىكى 89 يۈەن ئاساسىدا يەنە بەش يۈەن كۆپەيتىلىپ، 94 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.

 ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بىرلىكتە «2024-يىللىق ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلغان.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ياردەم پۇلى ئۆلچىمى سىجىل ئۆستۈرۈلىدۇ. 2024-يىلى، ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت خىراجىتىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 94 يۈەن بولىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن خىراجەت ۋە 2020-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە جەمئىي كۆپەيتىلگەن ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى مالىيە ياردەم پۇل خىراجىتى ياشانغانلار، يۇقىرى قان بېسىم، 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار، يېزا ئاياللىرى «ئىككى خىل راك كېسىلى»نى تەكشۈرۈش قاتارلىق نەپكە ئېرىشىدىغان كىشىلەر توپىنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارغا داۋاملىق ئىشلىتىلىدۇ. 2024-يىلىدىن باشلاپ، ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى بويىچە ۋاكسىنا ئەملەش ياردەم پۇلى تارقىتىش ئۆلچىمى ھەر قېتىمىغا 10 يۈەندىن 12 يۈەنگىچە تەڭشىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، گۇمانلىق بىمارلارنى تونۇشتۇرۇپ يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش ياردەم پۇلى ھەربىر كىشىگە 80 يۈەنگە تەڭشىلىدۇ؛ ئادەتتىكى داۋالاش باسقۇچىدىكى بىمارلار، ئۇزاق داۋالاش باسقۇچىدىكى بىمارلار ۋە كۆپ خىل دورىغا چىداملىق بىمارلارنى زىيارەت قىلىپ باشقۇرۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئېيىغا 150 يۈەن قىلىپ تەڭشىلىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيگەن سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ساغلاملىق مۇلازىمەت تۈرى ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى 200 يۈەن/بىمار/يىل بويىچە ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! ھەربىر كىشىنىڭ ھەر يىلى 670 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

خۇشخەۋەر!مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

شىنجاڭدىكى بىر جايدا يېڭىدىن ئالتۇن مېتال بايلىقى كۆپەيدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章