جۇڭگو كارخانىلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىدۇ
جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش-يۆلەش سالمىقىنى زورايتىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. جۇڭگو دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لو ۋېن يىغىندا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: يېقىندا، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ھەقىقىي ياردەم بېرىمىز.
لو ۋېن مۇنداق بىلدۈردى: بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى تەسىس قىلىشنى قەتئىي توسىدۇ. ھۆكۈمەت تارماقلىرى ھەم قارىمىقىدىكى ئورۇنلار، ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەق ئېلىشىغا قارىتا، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەق ئېلىش سىياسەت ھۆججەتلىرىنىڭ مەنبە ئۆتكىلىنى ئىگىلەشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈشتە قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسى بولمىغان سىياسەت-ھۆججەتلەرگە قارىتا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بىكار قىلىشقا ۋاقتىدا تۈرتكە بولىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، سۇ، توك، گاز، پار قاتارلىق ھەق ئېلىش سۇبيېكتلىرىغا قارىتا، تەكشۈرۈش، ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەكرار ھەق ئېلىش، مەجبۇرىي ھەق ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزەيدۇ. كارخانىلارغا چېتىلىدىغان تۈرلۈك ھەق ئېلىش مۇندەرىجە تىزىملىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەق ئېلىش تۈرى، ئاساسى ۋە ئۆلچىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلايدۇ، مۇندەرىجىدە بولمىغانلىرىدىن بىردەك ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق بىلدۈردى: بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى قالايمىقان ھەق ئېلىش قىلمىشلىرىنى جازالاش-ئاگاھلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
مالىيە مىنىستىرلىقى كۆيدۈرۈۋېتىشكە قوشۇلدى
خۇشخەۋەر! ھەربىر كىشىنىڭ ھەر يىلى 670 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى
خۇشخەۋەر!مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ
10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ
زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى
تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى