شىنجاڭلىق كاۋاپچى يىگىت خۇبېيدىن كەلگەن تىلەكلەرنى تاپشۇرۋالدى

时事   2024-10-15 13:00   北京  

شىنجاڭلىق كاۋاپچى يىگىت تويىدا خۇبېيدىن كەلگەن تىلەكلەرنى تاپشۇرۋالدى

مەنبە: خەلق تورى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلدى.

خۇبېي ئۆلكىسى جىڭجوۋ شەھىرىنىڭ جيەنلى شەھىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن ئۇيغۇر يىگىت يۈسۈپجان ھەبىبۇللاغا مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس دەپ شەرەپ نامى بېرىلدى.

ئۇ دەل ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۇدا ئىككى كۈن چاڭجياڭ دەرياسى بويىدا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئۈچ كىشىنى قۇتقۇزۇپ چىققان شىنجاڭلىق يىگىت ئىدى.

يۈسۈپجان ھەبىبۇللا جيەنلىدىكى بىر كاۋاپخانىدا ئىشلەيدۇ.

2022-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، يۈسۈپجان چاڭجياڭ دەرياسى جيەنلى بۆلىكىنىڭ يەنپۇ ساھىلىدا كاۋاپ سېتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز قۇتقۇزۇڭلار دېگەن  ئاۋازنى ئاڭلاپ، بىر كىشىنىڭ دەريادا جان تالىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. يۈسۈپجان كاۋاپداندىكى پىشىۋاتقان گۆشلەرگە قارىماي، دەرياغا قاراپ يۈگۈردى. ئۇ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئوغۇل بالىنىڭ يېنىغا ئۈزۈپ بېرىپ، چۆكۈپ كېتىۋاتقان ئوغۇل بالىنى تۇتۇپ، ئۇنى قىرغاققا مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇپ چىقتى.

ئىككىنچى كۈنى، ئوخشاش بىر ئورۇندا، يۈسۈپجان كاۋاپ سېتىۋاتقاندا يەنە بىرسىنىڭ «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ توۋلىغانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، بىر ئوغۇل بالىنىڭ سۇدا چۆكۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بالىنىڭ ئانىسى سۇغا چۈشۈپ قۇتقۇزماقچى بولغاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. يۈسۈپجان يەنە بىر قېتىم سۇغا چۈشتى، ئۇ بىر قولىدا ئوغۇل بالىنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى، يەنە بىر قولى بىلەن بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ دۈمبىسىنى كۈچەپ ئىتتىرىپ، ئىككىيلەننى قىرغاققا ئىتتىرىپ چىقاردى، بىراق ئۆزى دەريا سۈيىدە ئېقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى، ھېلىمۇ ياخشى ئۇ تىركىشىپ جان تالىشىپ، تېيىز سۇ قىرغىقىغا چىقتى. قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، ئۇ تۇيدۇرماي كېتىپ قالدى. ئۇ كۈنى دەل يۈسۈپجاننىڭ 26 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئىدى.

شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقان ئانىسى ئوغلىنىڭ ئىككى قېتىم سۇغا چۈشۈپ ئادەم قۇتقۇزغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەنسىرىدى، ھەم ئىچى ئاغرىدى. ئەسلىدە يۈسۈپجاننىڭ بىر ئۆز ئىنىسى بار بولۇپ، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر يازدا، ئىنىسى بەختكە قارشى سۇدا تۇنجۇقۇپ قازا قىلغان ئىدى، بۇ يۈسۈپجاننىڭ قەلبىدىكى مەڭگۈلۈك ئازاب بولۇپ، ئۇ دەريا سۈيىدىن قورقۇپ كەتكەن ئىدى.

بىراق، بىرىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكىنىنى كۆرگەندە، ئۇ بىردىنلا بارلىق ۋەھىمىنى ئۇنتۇپ قالدى.

ئۇ: «سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئوغۇل بالىنى كۆرۈپ، ئىنىمنى كۆرگەندەك بولدۇم، مەن چوقۇم ئۇنى قۇتقۇزۇشۇم كېرەك» دېدى.

2022-يىلى 6-ئايدا، يۈسۈپجان جيەنلى شەھىرىنىڭ «سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات ئەلچىسى» بولۇشقا تەكلىپ قىلىندى.

ھازىر، ئۇ پۈتۈن شەھەردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش بىخەتەرلىكى تەربىيەسىدىن 10 مەيداندىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلىدى، پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار 3 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

بۇلتۇر 4-ئاينىڭ 8-كۈنى يۈسۈپجان توي قىلدى.

خۇبېي جيەنلى شەھىرى ئالايىتەن ۋەكىل ئەۋەتىپ، بەخت تىلىكىنى شىنجاڭنىڭ قاراقاش ناھىيەسىگە يەتكۈزدى.

بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا، يۈسۈپجاننىڭ ئوغلى تۇغۇلدى، ئۇ ئالايىتەن بالىسىغا «مەردان» دەپ ئىسىم قويدى.

«ئوغلۇمنىڭ ياخشى ئادەم بولۇشىنى، ئوچۇق-يورۇق بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى يۈسۈپجان.

كەلگۈسى ئۈستىدە توختالغاندا، يۈسۈپجان ئۆزىگە تەۋە كاۋاپخانا ئېچىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ 10-ئاينىڭ ئاخىرى شىنجاڭغا قايتىپ، ئايالى ۋە يېرىم ياشقا كىرمىگەن ئوغلىنى ئېلىپ كېلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇبېيدا يىلتىز تارتىپ، ئىشچان قوللىرى بىلەن گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ئۈلگىسى يۈسۈپجان ھەبىبۇللاغا ئالقىش ياڭرىتايلى!



       بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ تېلېۋىزور كۆرۈشتىكى بۇ مەسىلە ھەل بولدى

◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章