ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ۋارىسى بار بولۇپتۇ

时事   2024-10-15 13:00   北京  

توققۇز ياشلىق بالا تۇنجى قېتىم تومۇر تۇتتى

تورداشلار «ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ۋارىسى بار بولۇپتۇ» دېيىشتى

مەنبە: خەلق تورى



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا قەشقەردە، توققۇز ياشلىق بىر ئوغۇل بالا بوۋىسى تىجارەت قىلىۋاتقان شىپاخانىدا كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن بىمارنىڭ تومۇرىنى تۇتتى، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى كەسكىن، ئەستايىدىل بولۇپ، ھەرىكىتى ئىنتايىن كەسپىي ئىدى، تومۇر تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، بىمارنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا توغرا ھۆكۈم قىلالىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمى سالى نۇرمەمەت بولۇپ، قەشقەر شەھەرلىك 7-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىكەن.

ئۇ 5 يېشىدىن باشلاپلا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە كۈچلۈك قىزىقىپ قالغان.

ئۇ بوۋىسىدىن تومۇر تۇتۇشنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە شىپاخانىدىكى تۈرلۈك دورىلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىمۇ ئۆگەنگەن.

بۇ قېتىم، ئۇ تۇنجى قېتىم بوۋىسىنىڭ شىپاخانىسىدا بىمارنىڭ تومۇرىنى تۇتتى.

ئۇنىڭ ئەستايىدىل قىياپىتى ۋە كەسپىي بىلىملىرىنى كۆرۈپ، نۇرغۇن تورداشلار «ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ۋارىسى بار بولۇپتۇ» دېيىشتى.

ئۇيغۇر تېببىي دورىگەرلىكى قىسقارتىپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ جۇڭگو تېبابەتچىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نەچچە مىڭ يىللىق جۇغلىنىش ۋە تەرەققىيات ئارقىلىق، بىر يۈرۈش مۇكەممەل تېببىي نەزەرىيە ۋە داۋالاش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

سالى نۇرمەمەت بەلكىم بۇ چوڭقۇر تېببىي پىرىنسىپلارنى تولۇق چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ ساپ قىزىقىشى ۋە تېببىي بىلىمگە بولغان تەشنالىقى كىشىلەرگە «ۋارىس»لارنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ بەردى.


       بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ تېلېۋىزور كۆرۈشتىكى بۇ مەسىلە ھەل بولدى

◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章