ھەرىكەتلىنىش كۈچى ئاددىي تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل

时事   2024-10-15 22:59   北京  

خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ

ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز. 

ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 




行动力,是对平庸生活最好的报复

ھەرىكەتلىنىش كۈچى ئاددىي تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل



ღ ღ ღ


女朋友小蓝约我吃饭,因为她最近心情实在太好了。

يېقىندىن بۇيان، قىز دوستۇم شياۋلەننىڭ كەيپىياتى پەقەتلا ياخشى بولمىغانلىقتىن مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى.

她主力做的一个项目,获得了客户的认可,领导也大加赞赏,不但月底奖金触手可及,她最在意的是,终于可以扬眉吐气。

ئۇ باش بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر تۈر خېرىدارنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشتى، باشلىقىمۇ بەكلا ماختاپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ ئاي ئاخىرىدا مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئۇنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى، ئۆزىنىڭ ئاخىر ئۇزۇن مەزگىللىك بېسىمدىن قۇتۇلۇپ ئېچىلىپ-يېيىلىپ يۈرەلەيدىغانلىقى ئىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ شىركەتتە ئەڭ كۆزگە چېلىقمايدىغان خادىم بولۇپ، تەقى-تۇرقى، فىگورىسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكىچە ئىدى، شىركەتتە تۆھپىمۇ كۆرسەتمىگەن، خاتالىقمۇ سادىر قىلمىغان بولسىمۇ، تىرىشچانلاردىن دېيىشكە بولاتتى. بىراق، ئۇنىڭ باشقىلارنى بېسىپ چۈشكۈدەك ھېچقانداق يېرى يوق ئىدى، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە پەقەتلا نۆۋەت تەگمەيتتى، خىزمەتداشلىرى ئۇنى ئادەتتىكىچە ئادەم قاتارىدا كۆرسە، باشلىقى كۆرمەسكە سالاتتى.

شۇڭا، ئەڭ دەسلەپتە چىشىنى چىشلەپ ياخشى ئىشلىمەكچى بولغان ئۇ ئاخىرىغا كەلگەندە ئازراق بوشىشىپ قالدى.

ئۇلار: «تۇرمۇش دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ. ناۋادا، سىز ئادەتتىكىچە ئادەم بولسىڭىز، ئۆزىڭىزدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، كۆزنى چاقناتقۇدەك قالتىس ئادەم بولۇشنى ئۈمىد قىلماڭ، بەك تىرىشىپ كەتسىڭىز باشقىلارنىڭ مازىقىغا قالىسىز» دېيىشتى.

شياۋلەن بىلەن ئوخشاش مەزگىلدە شىركەتكە كىرگەنلەر خىزمەت ئىقتىدارى كۈچلۈك ياكى تەقى-تۇرقى باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىغان، گەپ-سۆزگە ماھىرلار بولغاچقا، بۇرۇنلا ئەمىلى ئۆستى ياكى باشقا خىزمەت ئورۇنلىرىغا يۆتكىلىپ كەتتى، پەقەت شياۋلەنلا ئاساسىي قاتلامغا تەۋە ئورنىدا ئىشلەپ قالدى.

ئۇ ئازراق ئالدىراقسان بولسىمۇ، بۇنىڭ ھېچنەرسىگە پايدىسى تەگمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بەك كۆپ ئويلىۋەتسە كاللىسى قالايمىقانلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ كۇرسقا تىزىملاتتى، كىتاب ئوقۇدى، بىلىم ئاشۇردى. بۇلار ھامان بىر كۈنى ئەسقېتىپ قالار-ھە؟ دەرۋەقە شۇنداق بولدى.

«ئۆزۈمنىڭ كۆپ ئويلىۋېلىپ، ھېچنەرسە قىلماسلىقىمدىن ئەڭ قورقىمەن. شۇڭا، ئادەتتە، كاللامغا باشقا خىياللار كېلىشتىن ئىلگىرى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى دەرھال قىلىۋېتىمەن.» شياۋلەن يەنىلا ئاشۇ كۆزگە چېلىقمايدىغان قىز پېتى تۇرۇۋەردى. بىراق، ئىزچىل ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ تۇرغانلىقتىن، كۆزلىرىدىن نۇر چاقناۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغان بولدى.

用行动力报复平庸,大概是普通人通往成功最好的捷径。

ھەرىكەتلىنىش كۈچى ئارقىلىق ئاددىيلىقتىن ئۆچ ئېلىش، ئېھتىمال، ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئەڭ ياخشى يولى بولسا كېرەك.


ღ ღ ღ


我们大部分人,都很普通,过着平凡的生活,人生一点也不恢弘,甚至谈不上跌宕。

كۆپىنچىمىز تولىمۇ ئاددىي بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئادەتتىكىچە تۇرمۇش كەچۈرىمىز، ھاياتىمىزدا ھېچقانداق يۈكسىلىش، ھەتتا، ئۆزگىرىشمۇ يوق.

但是,总有那么一些普通人,透过他们的行动实现了梦想,完成了转折,实现了从现实到理想的跨越。

بىراق، ھامان شۇنداق بىر قىسىم ئادەتتىكى ئادەملەر بولىدۇكى، ئۇلار ھەرىكىتى ئارقىلىق غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھاياتىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدۇ، رېئاللىقتىن غايىگە ھالقىشنى تاماملايدۇ.

从此变得不同,从波澜不惊到惊艳蜕变,不可谓不令人羡慕。

شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇلار باشقىلاردىن پەرقلىنىشكە باشلايدۇ، تىمتاسلىقتىن كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئۆزگىرىشكە ئۆتۈپ، كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ.

他们最大的不同是,不做空想家,充满行动力。

ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ پەرقى دەل خىيالپەرەسلىك قىلماسلىق، ھەرىكەتلىنىش كۈچىگە تولۇشتىن ئىبارەت.

我认识的写作的朋友中,除了一些本来就很有天赋天生适合吃这碗饭的人外,大部分人都是怀揣着一个文学梦的普通人,在自己的生活中捂热了这个梦想,在平凡的生活里,付出更多时间和精力去追梦。

يېزىقچىلىق قىلىدىغان دوستلىرىمنىڭ ئارىسىدا يېزىقچىلىقتا تالانتى بار، مۇشۇ كەسپ بىلەن جان بېقىشقا ماس كېلىدىغانلاردىن باشقىلارنىڭ كۆپىنچىسى قەلبىگە ئەدەبىيات چۈشىنى پۈككەن ئادەتتىكى ئادەملەر بولۇپ، ئۇلار بۇ غايىسىنى تۇرمۇش جەريانىدا تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلماقتا.

这些人上班族极多,事业单位,公务员,或者是企业职工,他们看上去很普通,但因为做了自己想做的事,而变得不平凡。

بۇلارنىڭ ئىچىدە كەسپىي ئورۇندا ئىشلەيدىغانلار، مەمۇرلار ياكى كارخانا خادىملىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇلار بەكلا ئادەتتىكىچە كۆرۈنسىمۇ، ئارزۇسىدىكى ئىشنى قىلغانلىقى ئۈچۈن باشقىلاردىن پەرقلىق بىلىنىدۇ.

有一次听朋友说起,有个非常厉害而且神秘的作家,就职于某个大型企业,不喜欢抛头露面,因为热爱写作就一直在写;

دوستۇمدىن ئاڭلىشىمچە، تولىمۇ قالتىس ھەمدە سىرلىق بىر يازغۇچى مەلۇم بىر چوڭ كارخانىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئوتتۇرىغا چىقىشنى خالىمايدىكەن، بىراق، يېزىقچىلىقنى قىزغىن سۆيگەنلىكتىن، ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋېتىپتۇ.

还记得看报道说,《荒野猎人》原著小说的作者是个外交官,因为公务繁忙和身份特殊,所以当年书卖得火得一塌糊涂,他却几乎没在公众面前露面过;

ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر خەۋەردە «دالادىكى ئوۋچى» ناملىق ھېكايىنىڭ ئەسلىي ئاپتورىنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ئىكەنلىكى، خىزمىتى ئالدىراشلىقى ھەمدە سالاھىيىتى ئالاھىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەينى يىلى كىتابى قاتتىق بازار تاپقاندىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئاشكارىلىمىغانلىقى ئېيتىلغانىدى؛

包括我们熟知的卡夫卡,他除了写小说之外,其实是个保险业的职员,每天按部就班去上班,非常勤勉,也非常努力。

بىزگە تونۇشلۇق بولغان كافكامۇ ھېكايە يېزىقچىلىقىنى قوشۇمچە قىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، ئۆزى بىر سۇغۇرتا خىزمەتچىسى ئىكەن، ھەر كۈنى ۋاقتىدا ئىشقا بېرىپ ئىجتىھات بىلەن ناھايىتى تىرىشىپ ئىشلىگەنىكەن.

好多人都说,我想写东西,可是我很忙很累,所以我才没写啊;还有人说,我也想去旅行,可是我工作跟这个一点关系都没有,所以我才没有去啊……

نۇرغۇن ئادەم: «مېنىڭ بىرەر نەرسە يازغۇم بار. بىراق، بەكلا ئالدىراشلىقىم ۋە بەكلا چارچاپ كېتىدىغانلىقىم ئۈچۈن يازمايمەن» دېيىشسە، يەنە بەزىلەر: «مېنىڭمۇ ساياھەتكە چىققۇم بار. بىراق، مېنىڭ خىزمىتىمنىڭ ساياھەت بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق، شۇڭا بارالمىدىم.... » دېيىشىدۇ.

呵呵。

شۇنداقمۇ؟

许多人的工作看上去很无聊,生活也很苍白,但是他们却用别人所没有的行动力,狠狠地报复了这份平庸了,拥有了自己另外一面光彩熠熠的人生,不是更棒吗?

نۇرغۇن ئادەمنىڭ خىزمىتى بەكلا زېرىكىشلىك، تۇرمۇشىمۇ ئارانلا كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بىراق، ئۇلار باشقىلاردا يوق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئارقىلىق بۇ خىل ئاددىيلىقتىن كېلىشتۈرۈپ ئۆچ ئېلىپ، ھاياتىنىڭ يەنە بىر يۈزىنى پارلاقلىققا تولدۇرسا، تېخىمۇ قالتىس بولمامدۇ؟

当然是。

ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ.


ღ ღ ღ


那句话说过很多次了——我们总是想得太多,而做的太少。

مۇنۇ جۈملىنى بەك كۆپ تەكرارلاپ كەتتۇق – بىز ھەمىشە بەك كۆپ ئويلىۋالىمىز، بىراق، قىلىدىغىنىمىز ناھايىتى ئاز.

事实也的确是如此。

ئەمەلىيەتتىمۇ ھەقىقەتەن شۇنداق.

躺在床上自认为能够写出惊世之作,又或者在白日梦里觉得自己可以一鸣惊人,但实际上从床上起来照样百无聊赖地去打游戏,白日梦醒来又跑去喝酒唱歌消磨时间,而不做任何有实质意义靠近梦想的事,怎么会行呢?

بەزىلەر ئۆزىنى كارىۋاتتا يېتىۋېلىپ دۇنيانى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئەسەر يېزىۋېتىدىغاندەك ياكى ئۇخلىماي كۆرگەن چۈشلىرىدە ئۇشتۇمتۇت كارامەت كۆرسىتىۋېتىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار كارىۋىتىدىن تۇرغاندىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا ئىش خۇشياقمىغان ھالدا ئويۇن ئوينايدۇ، ئۇخلىماي كۆرگەن چۈشىدىن ئويغىنىپ ھاراق ئىچىپ، ناخشا ئېيتىپ ۋاقىت ئۆتكۈزگىلى بارىدۇ، ھەرگىزمۇ رېئال ئەھمىيىتى بار، ئۆزىنى غايىسىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. مۇشۇنداق بولسا بولامدۇ؟

当然不行。

ئەلۋەتتە بولمايدۇ.

上初中的时候,我订阅了些中学生读物,每次看完之后都心情起伏的厉害,特别想要写点东西,投稿出去。但是提笔就不知道该些什么了,脑子里一片空白。

تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، مەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشلۇقىغا مۇشتەرى بولغان بولۇپ، بۇلارنى ھەر قېتىم ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قەلبىمدە قاتتىق بىر ھاياجان پەيدا بولۇپ، بىرەر ئەسەر يېزىپ، گېزىت-ژۇرناللارغا ئەۋەتكۈم كېلىپ كېتەتتى. بىراق، قەلەمنى قولۇمغا ئالساملا نېمە يېزىشنى بىلەلمەيتتىم، كاللام قۇپقۇرۇق بولۇپ قالاتتى.

好长时间里,打消了投稿的念头,再也不想这件事,觉得离自己太远了,我毕竟,就是一个普通的小镇女孩而已啊。

ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئەسەر ئەۋەتىش خىيالىمدىن ۋاز كېچىپ، قەتئىي ئويلىمايدىغان بولدۇم، بىر بازاردا ياشايدىغان ئادەتتىكى قىز بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ئىشنى ئۆزۈمدىن بەكلا يىراقتەك ھېس قىلدىم.

幸运的是,后来一直在写字,写东写西;到后来从事了跟文字有关的工作,把“想想罢了”抛诸脑后,有机会就写,写不好被退稿也写,就渐渐真的可以以写作为生了。

بەختكە يارىشا، كېيىنچە ئۇنى-بۇنى يېزىپ، يېزىقچىلىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردۇم؛ ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ يېزىقچىلىققا ئالاقىدار خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، «ئويلاپ قويساملا بولدى» دېگەننى ئارقامغا چۆرۈۋېتىپ، پۇرسەت بولسىلا يېزىقچىلىق قىلدىم، ياخشى يازالماي قايتۇرېۋېتىلسىمۇ يازدىم، بارا-بارا يېزىقچىلىق ئارقىلىق تۇرمۇشۇمنى قامدايدىغان ھالەتكە كەلدىم.

这么说,也真谢谢那些没有只是空想的日子,而是真的提起笔,抓耳挠腮地写下来了,否则,肯定没有机会从事自己喜欢的工作,不是吗?

بۇ توغرىسىدا سۆزلىسەم، قۇرۇق خىيال بىلەنلا توختاپ قالماستىن، بەلكى قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، خۇشلۇقتا نېمە قىلارىمنى بىلمىگەن ھالەتتە يېزىقچىلىق قىلغان ئاشۇ كۈنلەرگە ھەقىقەتەن رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پۇرسەت بولمايتتى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟

你很平凡吗?

سىز بەكلا ئادەتتىكىچىمۇ؟

没关系,我也是。

ھېچقىسى يوق، مەنمۇ شۇنداق.

但这不妨碍,我们做自己喜欢的事,成为自己喜欢的人。

بىراق، بۇ بىزنىڭ ئۆزىمىز خالىغان ئىشنى قىلىپ، ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولۇشىمىزغا دەخلى قىلمايدۇ.

重要的是,我们要有行动力,让这平庸,知难而退,不是吗?

مۇھىمى بىزدە، بۇ ئاددىيلىقنى چېكىندۈرەلەيدىغان ھەرىكەتلىنىش كۈچى بولۇشى كېرەك. شۇنداق ئەمەسمۇ؟




تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز



         بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

         مەنبە: خەلق تورى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


◇ ئۇرۇشالمايدىغان قىزنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق

◇ ئۆزىنى ياش ھېس قىلىدىغان ئادەمنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ

◇ نادانلىقتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش

◇ تۇرمۇش مۇراسىم تۇيغۇسىغا مۇھتاج

◇ خۇشال بولالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى كەڭ قورساق بولالمىغانلىقىڭىزدا

◇ دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章