8155 كەنت ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

时事   2024-10-14 21:10   北京  

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى: 8155 كەنت جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىز مۇھىم قوغداش قىممىتىگە ئىگە 8155 كەنتنى جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. كېيىنكى قەدەمدە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ھەرقايسى جايلاردىن ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى تەكشۈرۈپ باھالاش قاتارلىق بىر قاتار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى جايلار ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جەريانىدا، قوغداشنى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، كەڭ كۆلەمدە چېقىش، كەڭ كۆلەمدە سېلىش، ھەقىقىي قەدىمىي يادىكارلىقلار ياكى تارىخىي قۇرۇلۇشلار چېقىۋېتىپ قايتىدىن قۇرۇلۇش سېلىش، باشقۇرماسلىق ۋە رېمونت قىلماسلىق، مۇۋاپىق پايدىلانماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزىتىپ، ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بەلگە سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاكتىپلاشتۇرۇپ پايدىلىنىشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى مەركەزلىك بىر تۇتاش قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك.

ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە جەمئىي 8155 كەنت جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ھەم ۋىۋىسكا ئېسىپ قوغداش يولغا قويۇلغان، 16 ئۆلكە 5028 كەنتنى ئۆلكە دەرىجىلىك ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، 556 مىڭ ئەنئەنىۋى ئىمارەتنى قوغداپ، 5965 تۈرلۈك ئۆلكە دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرغان، 5518 كەنتنىڭ كەنت تارىخى، كەنت تەزكىرىسىنى تۈزۈپ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

تيەنئەنمېندە بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ ۋۇ باڭگوغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى

گوۋۇيۈەن بىر قىسىم دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشتى

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

شىنجاڭدىكى بىر جايدا يېڭىدىن ئالتۇن مېتال بايلىقى كۆپەيدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章