بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە سودا مەخپىيىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش، ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساش، سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى نۇقتىلىق تۈزەيمىز
10-ئاينىڭ 14-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش-يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لو ۋېن مۇنداق بىلدۈردى: يەرلىك قورۇقچىلىق، بازارنى ئايرىۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمە بولغان تۈزۈم-تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ۋە يولغا قويۇلىدۇ. «ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇساپىسىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك. «ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، بازارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ۋە ئادىل رىقابەتلىشىشكە توسالغۇ بولىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى تۈگىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىش كېرەك. بازار تەرتىپىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ۋە سودا مەخپىيىتىگە چېقىلىش، ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساش-سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى نۇقتىلىق تۈزەپ، ياخشى بازار تەرتىپى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
مالىيە مىنىستىرلىقى كۆيدۈرۈۋېتىشكە قوشۇلدى
خۇشخەۋەر! ھەربىر كىشىنىڭ ھەر يىلى 670 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى
خۇشخەۋەر!مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ
10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ
زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى
تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى