مالىيە مىنىستىرلىقى: مەركەز مالىيەسى بۇ يىل 66 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى چۈشۈردى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لەن فوئەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەركەز مالىيەسى 66 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم مەبلىغى چۈشۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللىدى.
1-ئايدىن 9-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە مائارىپ چىقىمى 3 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى.
مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي جەھەتتىن %3 نىسبەت بويىچە پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.
ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى خىراجىتىگە مالىيەدىن تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمنىڭ يىلىغا 94 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مالىيەدىن تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمنىڭ يىلىغا 670 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.
بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ تېلېۋىزور كۆرۈشتىكى بۇ مەسىلە ھەل بولدى
◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟