شىنجاڭ 214 مىليون يۈەن يول يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدى

时事   2024-10-09 15:00   北京  

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ قاتناش سېلىنما (گۇرۇھى) چەكلىك مەسۇلىيەت شىركىتى كىچىك يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن 214 مىليون يۈەن يول يۈرۈش ھەققىنى كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى

10 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ قاتناش سېلىنما (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، «دۆلەت بايرىمى» مەزگىلىدە، شىنجاڭ قاتناش سېلىنما (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە قاراشلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا كىچىك ئاپتوموبىللاردىن 214 مىليون يۈەن قاتناش ھەققى كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان.

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ قاتناش سېلىنما گۇرۇھىغا قاراشلىق دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەلىرى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئاپتوموبىل ئېقىم مىقدارى 7 مىليون 368 مىڭ 100 ئاپتوموبىل (قېتىم)غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 12.46 ئاشقان ۋە چوڭ بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن  كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز يۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىي 5 مىليون 876 مىڭ 200 كىچىك تىپتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە نەپ يەتكۈزۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 12.98 ئېشىپ، 214 مىليون يۈەن يول يۈرۈش ھەققىنى كېمەيتكەن، كەچۈرۈم قىلغان.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ھۆكۈمەت تەرەپ پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بەردى

نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى: باھا تۆۋەنلىتىلىدۇ

مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى

ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك

كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章