ئۈرۈمچى ساقچىلىرى شايكا ئەزاسىدىن 11 كىشىنى قولغا چۈشۈردى

时事   2024-10-16 15:40   北京  

دېلوغا چېتىشلىق سومما 2 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. ئۈرۈمچى ساقچىلىرى پەۋقۇلئاددە زور شايكىنىڭ كابېل سىمى ئوغرىلاش دېلوسىنى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلدى

ئۈچ ئاي كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەتراپلىق رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى گەنچۈەنپۇ شۆبە ئىدارىسى يېقىندا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىدا ئېقىپ يۈرۈپ دېلو سادىر قىلغان پەۋقۇلئاددە زور شايكىنىڭ كابېل سىمى ئوغرىلاش دېلوسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىپ، شايكا ئەزاسىدىن 11 كىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا چۈشۈردى، 20 توننىدىن ئارتۇق  ئوغرىلانغان كابېل سىمىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى، دېلوغا چېتىشلىق سومما 2 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

بۇ يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، گەنچۈەنپۇ شۆبە ئىدارىسى تەۋەلىك رايوندىكى مەلۇم كارخانا خىزمەتچىسىنىڭ كارخانا مەلۇم كوچىدىكى يەر ئاستى كابېل قۇدۇقىغا ياتقۇزغان 585 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كابېل سىمىنىڭ ئوغرىلانغانلىقى توغرىسىدىكى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدى.

دېلونى تېزدىن رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىش ئۈچۈن، گەنچۈەنپۇ شۆبە ئىدارىسى دەرھال مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇردى ھەم قابىل كۈچلەرنى ئاجرىتىپ ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى.

خەلق ساقچىلىرى ئۈچ ئايدىن كۆپرەك سىجىل خىزمەت قىلىش ئارقىلىق، دېلو يىپ ئۇچى تەدرىجىي ئېنىق بولدى، چېن X، سۇX باشچىلىقىدىكى رايون ھالقىغان ئوغرىلىق شايكىسى تەدرىجىي سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقتى.

ئۇدا نەچچە كۈن كېچە-كۈندۈز كۆزىتىش قىلىش ئارقىلىق، 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، خەلق ساقچىلىرى فۇكاڭ شەھىرىدە جىنايەت گۇماندارى چېنX نى تۇتتى، سوراق قىلىش ئارقىلىق لىنىيەنى كېڭەيتىپ، ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭ، شەنشى قاتارلىق جايلاردا باشقا ئون جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى.

سوراق قىلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە دەسلەپكى قەدەمدە بۇ جىنايەت شايكىسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ كابېل قايچىسى، قول قايچا، قاپاق قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش قوراللىرىنى سېتىۋېلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، داۋانچىڭ رايونى، سانجى، تارباغاتاي قاتارلىق نۇرغۇن جايدا 20 قېتىمدىن ئارتۇق قېچىپ يۈرۈپ دېلو سادىر قىلغانلىقى ئېنىقلاندى.

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى دېلوغا چېتىشلىق نۇرغۇن جايدىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى بىلەن ماسلىشىپ جەڭ قىلىپ، دېلو يىپ ئۇچىنى چوڭقۇر قازدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! ھەربىر كىشىنىڭ ھەر يىلى 670 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

خۇشخەۋەر!مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

شىنجاڭدىكى بىر جايدا يېڭىدىن ئالتۇن مېتال بايلىقى كۆپەيدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章