خۇشخەۋەر!مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

时事   2024-10-14 14:01   北京  

مالىيە مىنىستىرلىقى: دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىر قاتلىنىدۇ، تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسنىڭ دۆلەت مۇكاپاتى 10 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گو تىڭتىڭ 10-ئاينىڭ 12-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش توغرىسىدا، 2024-يىلى تۆۋەندىكى سىياسەت-تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ:

 1. دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلارنىڭ سانى بىر ھەسسە قاتلىنىدۇ: تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالىدىغانلارنىڭ سانى ھەر يىلى 60 مىڭ ئادەمدىن 120 مىڭ ئادەمگە يەتكۈزۈلىدۇ؛ ماگىستىر ئاسپىرانتلاردىن دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالىدىغانلارنىڭ سانى ھەر يىلى 35 مىڭدىن 70 مىڭغا يەتكۈزۈلىدۇ؛ دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالىدىغانلارنىڭ سانى ھەر يىلى 10 مىڭ ئادەمدىن 20 مىڭ ئادەمگە يەتكۈزۈلىدۇ.

2. تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ: تولۇق كۇرس ۋە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان دۆلەتنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 8000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ؛ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 5000 يۈەندىن 6000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.

 3. تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ، 2024-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئوتتۇرىچە ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 3300 يۈەندىن 3700 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.

 4. دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى قوللاش سالمىقى زورايتىلىپ، سوممىسى ئۆستۈرۈلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

تيەنئەنمېندە بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ ۋۇ باڭگوغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى

گوۋۇيۈەن بىر قىسىم دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشتى

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

شىنجاڭدىكى بىر جايدا يېڭىدىن ئالتۇن مېتال بايلىقى كۆپەيدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章