خەيرلىك كەچ: ئەڭ ياخشى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى قانداق بولىدۇ؟

时事   2024-10-03 22:00   北京  


不害怕改变,才是给自己最好的安全感

ئۆزگىرىشتىن قورقماسلىق — ئۆزىڭىزگە بېرىلگەن ئەڭ ياخشى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدۇر


ღ ღ ღ


  前几天,有个新婚不久的读者加我微信,聊到现状。多年的异地恋终于在今年修成了正果,为了在一起生活,她只能放弃原先熟悉的环境和工作,去到先生所在的城市重新开始。


بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، توي قىلغىلى ئۇزۇن بولمىغان بىر ئوقۇرمەن ئۈندىدارىمنى قوشۇپ، ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلاشتى. ئۇزۇن يىل ئىككى يەردە تۇرۇپ مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈپ، بۇ يىل ئاخىرى توي قىلغان ئۇ ئوقۇرمەن تۇرمۇش ئۈچۈن ئەسلىدە ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان مۇھىت ۋە خىزمەتتىن ۋاز كېچىپ، ھازىر تۇرۇۋاتقان شەھەرگە بېرىپ ھەممىنى يېڭىدىن باشلىغانىدى.

  她曾以为这样就能带给自己安全感,可现实却很快打碎了她的期待。陌生的城市,截然不同的生活习惯,没有工作,也不认识一个朋友。先生工作忙碌,她便经常闷在家里发呆,想要做点什么,却又迷茫得不知该从哪里着手。


ئۇ مۇشۇنداق قىلسام ئۆزۈمگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلەلەيمەن دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما، رېئاللىق ئۇنىڭ كۈتكەنلىرىنى تېزلام بىتچىت قىلىۋەتتى. چۈنكى، بۇ ناتونۇش شەھەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بۇرۇنقى مۇھىتتىن تۈپتىن پەرقلىنەتتى، يا خىزمىتى يوق، يا بىرەر دوستى يوق ئىدى. يولدىشىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغانلىقتىن، ئۇ دائىملا ئۆيدە ئولتۇرۇۋېرىپ ئىچى سىقىلدى، بىرەر ئىش قىلغۇسى كەلسىمۇ، ئەمما، قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي گاڭگىرىدى.

  在我听来,这几乎是必然的结果。因为她所面临的,是一个由外而内将生活打碎重组的过程,从一开始,她可能就没有做好要去适应这些改变的准备。我相信很多人在面临被迫改变的时候,都会有类似的迷茫。为什么我们如此害怕改变呢?


مېنىڭچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەررەر نەتىجە. چۈنكى، ئۇنىڭ دۇچ كەلگىنى تۇرمۇشىنى ئىچىدىن سىرتىغا پۈتۈنلەي پاچاقلىۋېتىپ، قايتىدىن قۇرۇش جەريانى ئىدى. دەسلەپتە ئۇ بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىشنىڭ تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئىشىنىمەنكى، نۇرغۇن ئادەم ئۆزگىرىشكە مەجبۇر بولغاندا، مۇنداق گاڭگىراپ قالىدۇ. بىز نېمە ئۈچۈن ئۆزگىرىشتىن شۇنچىۋالا قورقىمىز؟

  这显然与安全感有关。对安全感的追寻,让人对稳定的环境有不自觉的依赖,而改变却会打破这些现有的平衡。对未来的不确定性和对失败的担忧,是我们对改变最终极的恐惧。


بۇ ئېنىقلا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئىزدەش ئادەمدە مۇقىم مۇھىتقا نىسبەتەن ئىختىيارسىز تايىنىۋېلىش تۇيغۇسى شەكىللەندۈرىدۇ. بىراق، ئۆزگىرىش ھازىر مەۋجۇت بولغان بۇ تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇۋېتىدۇ. كەلگۈسىنىڭ ئېنىقسىزلىقى بىلەن مەغلۇبىيەتتىن ئەنسىرەش بىزنىڭ ئۆزگىرىشتىن قورقۇشىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب.

  可遗憾的是,人生终究是不可能一成不变的。生活的聚散,职场的考验,境遇的变迁,这些都是避无可避的事。如何面对改变,其实是摆在每个成年人面前的必修难题。


بىراق، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئادەم ھامان ئۆزگىرىدۇ. تۇرمۇشتىكى جەم بولۇش ۋە ئايرىلىشلار، خىزمەت سورۇنىدىكى سىناقلار، شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى قاچۇرىمەن دەپمۇ قاچۇرغىلى بولمايدىغان ئىشلاردۇر. ئۆزگىرىشكە قانداق يۈزلىنىش ئەمەلىيەتتە قۇرامىغا يەتكەن ھەربىرەيلەن ھامان دۇچ كېلىدىغان زۆرۈر مەسىلە. 

  那天聊到最后,我对她说,如果实在不知道要做什么,那就先从做一件最简单的小事开始。至少,这意味着你开始着手主动去适应这种改变,而不是听天由命、束手无策。


ئاشۇ كۈنى پاراڭلىشىپ ئاخىرىغا كەلگەندە، مەن ئۇنىڭغا: «ناۋادا، نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى راستتىنلا بىلەلمىسىڭىز، ئالدى بىلەن ئەڭ ئاددىي بولغان كىچىك ئىشلاردىن باشلاڭ. چۈنكى، بۇ ھېچبولمىسا سىزنىڭ تەقدىرگە تەن بېرىپ، چارىسىز قېلىشىڭىز ئەمەس، بەلكى، بۇ خىل ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىشقا باشلىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدىم. 

  逃避和依赖,永远带不来真正的安全感。只有面对,好的改变才会发生。


ئۆزىنى قاچۇرۇش بىلەن تايىنىش مەڭگۈ ھەقىقىي بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. پەقەت يۈزلەنگەندىلا، ئاندىن ياخشى ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ.


ღ ღ ღ


  我对此深有感触。刚毕业时,为了寻求所谓的安全感,我进入一家企业单位工作。可当稳定的需求得到了满足,我却对这份工作的前景感到严重怀疑。那几年,我经常一边加班写材料一边心生莫名的烦躁,感觉前路迷雾重重。


بۇ توغرىسىدا مېنىڭ چوڭقۇر تەسىراتىم بار. يېڭى ئوقۇش پۈتكۈزگەندە، ئاتالمىش بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئىزدەش ئۈچۈن مەن بىر كارخانىغا كىرىپ خىزمەت قىلدىم. بىراق، تۇراقلىقلىققا بولغان ئېھتىياجىم قانائەتلەنگەندىن كېيىن، مەن بۇ خىزمەتنىڭ ئىستىقبالىدىن قاتتىق گۇمانلىنىشقا باشلىدىم. ئۇ بىر نەچچە يىلدا مەن دائىم بىر تەرەپتىن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ماتېرىيال يازسام، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچىم بىر خىل تىت-تىت بولاتتى، ئالدىمدىكى يوللارنى قاتمۇ-قات تۇمان باسقاندەك بىلىنەتتى.

  我把自己困在一成不变的环境里,以为这就是保有安全感的良方,但内心其实充满了不安。我还那么年轻,可我不知道自己能做什么,又该去往哪里。甚至有一段时间,我陷入了种种抱怨当中——抱怨工作内容过于单调枯燥,抱怨收入与付出根本不成正比,抱怨自己晋升无门无人赏识。然而,越抱怨我就越痛苦,越痛苦就越一事无成。


مەن ئۆزۈمنى ئۆزگەرمەس مۇھىتقا قاپسىۋېلىپ، بۇنى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشنىڭ ياخشى چارىسى دەپ قارىدىم. بىراق، قەلبىم ئەمەلىيەتتە، ئەندىشىگە تولغانىدى. مەن شۇنچە ياش بولساممۇ، ئەمما، ئۆزۈمنىڭ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىم، قەيەرگە بېرىشىم كېرەكلىكىنى بىلمەيتتىم. ھەتتا، بىر مەزگىل مەن خىلمۇخىل ئاغرىنىشلار ئىچىگە پېتىپ قالدىم — خىزمەت مەزمۇنىنىڭ زىيادە زېرىكىشلىكلىكى، كىرىم-چىقىمنىڭ ئەسلا ئۇدۇللاشمايدىغانلىقى، ئۆستۈرۈلمىگىنىم، ھېچكىمنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلمىگىنىمدىن ئاغرىندىم. بىراق، قانچە ئاغرىنغانسېرى شۇنچە ئازابلاندىم، قانچە ئازابلانغانچە ئىش قىلىشىم شۇنچە تەسكە توختىدى.

  直到我决定主动出击。我去读了在职研究生,报考了新单位,后来又重新捡起对文字的爱好,利用工作之余学习写作。不断地改变,像无意间为我打开了一片新宇宙。在那里,虽然也会经历各种失败,但每取得一点点的成绩,都能让我慢慢找到对生活的掌控感和选择权。


بۇ ھالەت مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈشنى قارار قىلغۇچە داۋاملاشتى. مەن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، يېڭى ئىدارىگە ئىمتىھان بەردىم، كېيىن، يېزىقچىلىققا بولغان قىزىقىشىمنى قايتىدىن باشلاپ، خىزمەتتىن سىرتقا ۋاقىتلاردا ئۆگىنىش قىلىپ، ئەسەر يازدىم، توختىماي ئۆگىرىش بىلىپ-بىلمەي ماڭا يېڭى دۇنيا ئېچىپ بەردى. ئۇ يەردە گەرچە، نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولساممۇ، ئەمما، ھەر قېتىم ئېرىشكەن ئازراق نەتىجە ئارقىلىق مەن بارا-بارا تۇرمۇشنى كونترول قىلىش ۋە تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە بولدۇم.

  我这才意识到,原来我曾经追求的稳定,不过是在自我设限。当你愿意跳出舒适圈,直面改变的时候,很多恐惧其实就已经迎刃而解。因为你已经有能力用自己的行动,去解答对未知的疑问。


مەن شۇ چاغدىلا ئۆزۈم ئەسلىدە قوغلىشىۋاتقان تۇراقلىقلىقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى چەك بېكىتىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. سىز راھەت چەمبىرەكتىن چىقىشنى خالاپ، ئۆزگىرىشكە دادىل يۈزلەنگىنىڭىزدە، نۇرغۇن قورقۇنچلاردىن تېز ۋە ئوڭايلا قۇتۇلۇپ كېتىسىز. چۈنكى، سىزدە بىلىنمىگەن سوئاللارغا نىسبەتەن ئۆز ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىق جاۋاب بېرىدىغان ئىقتىدار يېتىلگەن بولىدۇ.

  每做一次勇敢的改变,都会为我们的安全感增加一份真实的筹码。


ھەر قېتىم باتۇرلۇق بىلەن ئۆزگىرىش بىخەتەرلىك تۇيغۇمىزنى يەنە بىر دەرىجە يۇقىرىلىتىدۇ.


ღ ღ ღ


مۇنداق بىر جۈملىنى ئوقۇغانىدىم: ھاياتتىكى بىردىنبىر بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بارلىق خەتەرلىك بولغان تۇيغۇلارنى تولۇق باشتىن كەچۈرۈشتىن كېلىدۇ. ئۆزگىرىش دەل مانا مۇشۇنداق ئاكتىپ تاللاش ۋە باشتىن كەچۈرۈش، ئۆزىنى ھەرخىل مۇمكىنچىلىكلەر ئارىسىغا قويۇش، خۇددى لايدىن ئادەم ياسىغانغا ئوخشاش توختىماي بۇزۇۋېتىپ، قايتىدىن ياساشتۇر. ھەر بىر قېتىم يېڭىلانغاندا، ئازابلىنىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بىراق، پۈتۈنلەي يېڭى ۋە تېخىمۇ ياخشى بولغان ئۆزىگە قايتقىلى بولىدۇ.

بىر دوستۇم ئاجراشقاندىن كېيىن، ئورۇقلاشنى قارار قىلدى. ئارقىدىن، ئۇ بىر يىل ۋاقىت سەرپ ئېتىپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق، 65 كىلوگرامدىن فىگورىسى قاملاشقان بىر ئانىغا ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، يەنە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشقا ئىرادە باغلىغانلىقتىن، ئىلگىرىكى ئائىلە ئايالى بولۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئۇ چوكان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تورت ياساش دۇكىنى ئېچىپ، تاتلىق-تۈرۈم دۇكىنىنىڭ تور چولپىنى غوجاينىغا ئايلاندى.

ھازىر ئۇ ھەم گۈزەل، ھەم ئۆزىگە ئىشەنچى بار كۆرۈنىدۇ، پات-پاتلا ماڭا تۇرمۇشتا ئەسلىدە مۇشۇنداق كۆپ خۇشاللىقلار بولىدىغانلىقىنى، ئەسلىدە ئۆزىدە شۇنچە كۆپ يوشۇرۇن ئىقتىدارلار بارلىقىنى ئېيتىپ ئويغا چۆمىدۇ. «مەن ئىلگىرى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن كېيىنكى ھاياتىمنىڭ مۇقىم بولۇشىنى قوغلىشىپتىكەنمەن. ئۆزگەرمىسەم بولمايدىغان يېرىگە كەلگەندە، ئاندىن ھەقىقىي بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى پەقەت ئۆزۈملا بېرەلەيدىغانلىقىمنى بايقىدىم.»

شۇنداق، مۇھىتنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالغاندا، ئۆزگەرتەلەيدىغان بىردىنبىر نەرسىمىز دەل ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەرىمىزنى ئۆزگەرتىشتۇر. ناۋادا، بىر ئادەمدە ئۆزگىرىشتىن قورقمايدىغان ئىرادە بولسا، نەچچە ياشقا كىرىش، قانداق مۇھىتتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھامان ئۆسۈپ-يېتىلىش خۇشاللىقىغا ئېرىشىدىغان پۇرسىتى بولىدۇ، ئۆزىگە تەۋە بولغان قالتىس يېڭى ھايات يولى تاپالايدۇ.

گاڭگىرىغىنىڭىزدا تىنچ ئولتۇرۇپ ھازىرقى ئەھۋالنى ئوبدان كۆزەتكەندىن كېيىن تاللاڭ. كىچىككىنە ئۆزگىرىشتىن باشلاپ ئۆزىڭىزنى ئاز-ئازدىن ئالغا ئىلگىرىلىتىڭ. شۇنىڭغا ئىشىنىشىڭىز كېرەككى، ئۆزگىرىشتىن قورقمىسىڭىزلا بەختكە ئېرىشىسىز.


         كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

         مەنبە: خەلق تورى


خەيرلىك كەچ سەھىپىسى

 خەيرلىك كەچ: ھاياتىڭىزدا شۇنچە كۆپ ئۈلگۈرەلمەسلىكلەر بارمۇ؟

 خەيرلىك كەچ: مۇنەۋۋەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى

 تېلېفوندا سۆزلىشىش ئۇسۇلىڭىز ساپايىڭىزنى ئاشكارىلايدۇ

 خەيرلىك كەچ: سىزگە دائىم سوغۇق سۇ سېپىدىغانلاردىن يىراق تۇرۇڭ

 ئەڭ ياخشى مۇناسىۋەت بىر ئىشقا يولۇققاندا ئەيىبلىمەسلىكتۇر

 خەيرلىك كەچ: دۇنياغا بولغان قىزىقىشىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ




خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章