ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

时事   2024-10-10 16:01   北京  

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى دىياگنوز ئىسپاتىدىن باشلاپ ھېسابلىنامدۇ ياكى يارىلانغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنامدۇ؟

 ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مەزگىلىنى قانداق جەزملەشتۈرىمىز؟ دىياگنوز ئىسپاتى بويىچە ھېسابلىنامدۇ ياكى يارىلانغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنامدۇ؟

 «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»نىڭ 33 ـ ماددىسىنىڭ 33 ـ تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر خىزمەت سەۋەبىدىن ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانسا ياكى كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ خىزمەتنى ۋاقىتلىق توختىتىپ، ئىشتا يارىلىنىش داۋالىنىشىغا توغرا كەلسە، ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مەزگىلىدە ئىشلەۋاتقان ئورنى ئەسلىدىكى مائاش، پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئۆزگەرتمەستىن ئايمۇئاي بېرىدۇ. ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ئادەتتە 12 ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر ياكى ئەھۋال ئالاھىدە بولۇپ، ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلگەنلىرىدە، 33-ماددا 2-تارمىقىدا بۇنىڭغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان، شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئارقىلىق، مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىش ۋاقتى 12 ئايدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

 ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ئادەتتە ئىشچى-خىزمەتچىلەر خىزمەت سەۋەبىدىن ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

ھۆكۈمەت تەرەپ پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بەردى

نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى: باھا تۆۋەنلىتىلىدۇ

مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى

ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك

كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章