بېلىقچىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ

时事   2024-12-03 19:21   新疆  

بېلىقچىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى

سۈرەتتە: قاراقاش ناھىيە ياۋا يېزىسىنىڭ باشئېرىق كەنتىدە، بېلىقچىلار بېلىق تورىنى يىغماقتا. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ ئىختىيارىي مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ھەبىبە، مەرھابا) يېقىندا، قاراقاش ناھىيە ياۋا يېزا باشئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئوبۇل غوجىئابدۇللانىڭ بېلىق كۆلچىكىدە بېلىقچىلار بېلىق تۇتۇۋاتاتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بازارنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ياۋا يېزىسى مول سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ بېلىقچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ ئەۋزەل شارائىت شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېلىق بېقىش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىدى.

ئوبۇل غوجىئابدۇللا شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ بېلىق بېقىۋاتقىلى تۆت يىل بولغان بولۇپ، ھازىر 15 مو بېلىق كۆلچىكى بار، ئۇ ئاساسلىقى تاپان بېلىق، ئوتخۇر بېلىق، لاققا بېلىق قاتارلىق بېلىق تۈرلىرىنى باقىدۇ.

ئوبۇل غوجىئابدۇللا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن 2020 - يىلىدىن باشلاپ بېلىق بېقىشقا باشلىغانىدىم، بۇلتۇر توققۇز توننا تاپان بېلىق سېتىپ 40 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم. بۇ يىل 20 توننا ئەتراپىدا بېلىق سېتىشىم مۇمكىن».

بېلىق بېقىش ئوبۇل غوجىئابدۇللانىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپلا قالماي، ئۇنىڭغا بەخت ۋە قانائەت تۇيغۇسى بېغىشلىدى.

خوتەن ناھىيەسىدىكى تىجارەتچى ماخسۇت ئابدۇللا مۇنداق دېدى: «مەن ئىزچىل ياۋا يېزىسىنىڭ باشئېرىق كەنتىگە بېرىپ بېلىق سېتىۋالىمەن، بۇ يەردىكى بېلىقلارنىڭ تەمى ئۆزگىچە. بۈگۈن مەن 950 كىلوگىرام ئەتراپىدا تاپان بېلىق سېتىۋالدىم، ئۇنى يەنە بازارغا ئاپىرىپ ساتىمەن».

ياۋا يېزىسىنىڭ باشئېرىق كەنتى ئىلمىي باقمىچىلىق ئۇسۇلى ۋە مۇھىت ئاسراش تەدبىرى ئارقىلىق، بېلىق باقمىچىلىقى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

(تەرجىمە قىلغۇچى: ئاماننىسا مەتتۇرسۇن)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章