ۋىلايىتىمىزدىكى كادىرلار،ئامما مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ

时事   2024-12-17 18:50   新疆  

ۋىلايىتىمىزدىكى كادىرلار، ئامما مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ داۋاملىق ئىلگىرىلەيمىز

ۋىلايەتلىك يـۇغـۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىرلار گۈلھايات، ئابلىكىم) مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 12 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنىدىن 12 ـ كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، 2024 ـ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، 2025 ـ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. يىغىن ۋىلايىتىمىزدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلىپى بويىچە، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىمىز.

يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك جېڭىدە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك.

1978 - يىلى دۆلەت غەربىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال رايونلىرىدا قۇم - بوراننىڭ زىيىنى ۋە سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېلىپ كەلگەن ئېكولوگىيەلىك زىياننى تۈزەش «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. 46 يىلدىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدە 7 مىليون 629 مىڭ 900 مو قۇملاشقان يەر تىزگىنلىنىپ، قۇملاشقان يەر 1548.45 كىۋادرات كىلومېتىر ئازىيىپ، تەبىئىي بوستانلىق ۋە سۈنئىي بوستانلىق كۆلىمىدە «قوش ئېشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ يىل 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە گىرۋەكنى قاشالاشتا بوش قالغان رايوندا «تۇتاشتۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ كادىرى نۇرگۈزەل ئابدۇكېرەم مۇنداق دېدى: «‹تۇتاشتۇرۇش› ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى قۇم تىزگىنلەش، قۇمدىن پايدىلىنىشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. گىرۋەكنى قاشالاپ ‹تۇتاشتۇرۇش›نى ئاساس قىلىپ، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش، فوتوۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇم تۇراقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى پائال يولغا قويۇپ، ئۆز يېرىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىلمىي پىلانلاپ، يۇلغۇن، قىزىلگۈل، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى قاتارلىق ئىقتىسادىي ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ، قۇملۇق كەسپىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمدە ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى قىلىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، يېرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىمىز».

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا تەرەققىيات يۆنىلىشى دەل جايىدا بېكىتىلىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش يېتەكچىلىكى ۋە مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلەندى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش ۋە تەڭشەش، تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، يىرىك پىلاننىڭ ئۇيغۇنلىشىشچانلىقى، جانلىقلىقى، يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، تۈرلۈك تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، خوتەن 350000 × 2 كىلوۋاتلىق ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنىڭ 1 - نومۇرلۇق گېنىراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، خۇارۈن يېڭى ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ خوتەن گۇما ناھىيەسىدىكى 400 مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت تۈرى تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلدى، قۇرۇلۇۋاتقان سەككىز فوتوۋولت تۈرىنىڭ 4 مىليون 200 مىڭ كىلوۋاتلىق تۈرىگە جەمئىي 11 مىليارد 579 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى؛ فوتوۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش، يېشىل كانچىلىق، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ئۇل ئەسلىھەلىرى، خوتەن شۆيۈەنى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، قۇرۇلۇشقا جەمئىي 30 مىليارد 495 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى.

ۋىلايەتلىك تـەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ لېي مۇنداق بىلدۈردى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىرىك پىلاننىڭ يېتەكچىلىكىنى كـۈچەيتىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ۋە مۇھىم، زور تۈر ئامبىرىنى يۇقىرى سۈپەت بىلەن تۈزۈپ، دۆلەتنىڭ تۈر مەبلىغى بىلەن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز، قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى تېزلىتىپ، شەھەر - يېزا ئاساسىي قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ھېسابلاش كۈچى مەركىزى، توكلىغۇچ تورىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قۇشىمىز. دائىملاشقان خىزمەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا - تىجارەت مۇھىتىنى ياخشىلاش، يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خوتەن ئەمەلىيىتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز».

يىغىندا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى يوتقان قەدىمىي شەھىرىنى يادرو قىلىپ، باغچى بازىرىنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كىچىك بازىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بەش كەنتنىڭ ھويلا ـ ئاراملىرىنى تۈزەپ، ساياھەت يوللىرىنى ئۆزگەرتىپ، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساپ، ئاممىۋى رايونلارنى يورۇتۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن ساياھەتچىلەر ئاپتوموبىلغا چىقىش نۇقتىسى، ساياھەتچىلەر داكا قىلىش ئورنى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپلا قالماي، ئۆزگىچە ھويلا - ئارام ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

باغچى بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات ھەيئىتى توجىنۋېن مۇنداق دېدى: «بىز مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يوتقان قەدىمىي شەھىرىنى تايانچ قىلىپ، ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى ئويۇنى قويۇش، ئۆزگىچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ياساش، كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق خاس مەدەنىيەت ـ ساياھەت بويىچە ھېس قىلىش تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، كىچىك بازار مەدەنىيىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى داۋامىدا ئېكولوگىيەسى گۈزەل، كەسىپ گۈللەنگەن، پۇقرالار بېيىغان بولۇشنىڭ جانلىق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز».

(تەرجىمە قىلغۇچى: پاتىگۈل ئوسمان)

مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章