ئاپتونوم رايوننىڭ 4 - مەيدان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم

时事   2024-12-12 19:07   新疆  

ئاپتونوم رايوننىڭ 4 - مەيدان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى خوتەندە ئۆتكۈزۈلدى

كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قوش تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ تەرەققىياتنى كۆزلەش

12 - ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، «كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىدىكى  2024 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ  4 - مەيدان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مـەركەزلىك تـونۇشتۇرۇش پائالىيىتى خوتەندە ئۆتكۈزۈلدى. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

ۋىلايـەتلىك يـۇغۇرما تـاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىرلار خۇ لىجېڭ، ياقۇپجان، شۈ شياۋلۇڭ) 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ 4 - مەيدان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مـەركەزلىك تـونۇشتۇرۇش پائالىيىتى خوتەندە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە «كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا  ياردەم بېرىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېما قىلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ كەسىپ ۋە ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كەسىپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇلۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىـزمىتىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇب - شىمالىدا تېخىمۇ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇندى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ چېن پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ليۇ چېن تەبرىك سۆزى قىلىپ ئەزىز مېھمانلارنىڭ ۋىلايىتىمىزگە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، كارخانىچى دوستلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ۋىلايىتىمىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋىلايىتىمىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەپ، مەبلەغ سېلىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، تېخنىكا كىرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىپ، كۆپ قاتلام بويىچە يۆلەپ - ياردەم بېرىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ۋىلايىتىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، كەلگۈسى تەرەققىياتقا نەزەر سېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە قوشماقلىشىش مۇناسىۋىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلدى، بېيجىڭ، تيەنجىن، ئەنخۇي، خۇبېي، خېبېي، خېنەن، شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ، جياڭشى قاتارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كارخانىلىرى ۋىلايىتىمىزگە ماكانلىشىپ، تۈر مەبلىغى كىرگۈزۈپ، ئىش ئورنى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىدا ‹سۈرئەتنى تېزلىتىش›نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. نۆۋەتتە، ۋىلايىتىمىزنىڭ سىياسەت، ئادىمىيەت، بايلىق قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى گىرەلىشىپ، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى ئاساسى ۋە كەڭ بازىرى ھازىرلاندى، كۆپچىلىكنىڭ ۋىلايىتىمىزگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن».

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيەگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر لۇ پېڭ پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى پۇرسەت ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دەپ بىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سۇپا ھازىرلاپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈش، شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانا ۋە تۈرلەرنى شىنجاڭدا ماكانلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق يارىتىمىز».

تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ مەسئۇللىرى بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرىنىڭ ۋەكىللىرى كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى، كارخانىچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئارقىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، 105 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى، بۇ تۈرلەر رەقەملىك ئىقتىساد، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋىلايىتىمىز 56 تۈردە مۇۋەپپەقىيەتلىك كېلىشىم ئىمزالىدى، كېلىشىم سوممىسى 69 مىليارد 727 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان كەسىپ ۋە ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قوشماقلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈش سۇپىسى ۋە مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى كارخانىلارنى كەڭ بازار بوشلۇقى ۋە تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، سودا نازارىتى، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق تارماقلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئالدىنقى سەپ، ئارقا سەپ خىزمەت ئاپپاراتلىرى ھەم ئالاقىدار ئورۇنلىرى، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلىرى ھەم ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كارخانىچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار يەنە خوتـەن شەھىرى، قاراقاش، خوتەن، لوپ ناھىيەلىرىگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

(تەرجىمە قىلغۇچى: پاتىگۈل ئوسمان)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章