دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ

时事   2024-12-16 18:31   新疆  

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك

ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو ئۆگىنىشكە قاتناشتى

 شىنجاڭ گېزىتى،  ئۈرۈمچى،  12 ـ ئاينىڭ   14 ـ كۈنى خەۋىرى  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ۋەزىپە تەلىپىنى يەنىمۇ دەل جايىدا ئىگىلەپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

جۇڭگو خەلق داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى خې خۇشېڭ تەكلىپ بىلەن مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلدى، «دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش»نى تېما قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيەمىزنىڭ يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيانقى دىن خىزمىتى تەجرىبىسى، يېڭى دەۋردىكى دىن مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىن نەزەرىيەسىنىڭ تەرەققىياتى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىق مەزمۇنلارغا بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر، سىستېمىلىق چۈشەندۈردى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دىن ۋە دىن خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يېپيېڭى نەزەر دائىرە بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن ـ سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن خىزمىتىنى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىپ، «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىن ساھەسىنىڭ دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىنى قوللاپ ۋە ئۇنى يېتەكلەپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىن ئىلمى ئىدىيەسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت دەۋر تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «يېتەكلەش» ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەندىزىسى توغرىسىدىكى تەتقىقات، چۈشەندۈرۈش ۋە جەمئىيەت تەشۋىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر دىن ياكى ئىككى دىن ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇش، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ شىنجاڭنىڭ دىن ئەندىزىسىدىكى تارىخىي ئالاھىدىلىك ئىكەنلىكى، يۇغۇرۇلۇش، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ شىنجاڭدىكى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ئىكەنلىكى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ئېنىق سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تارىخ، مەدەنىيەت ھەققىدىكى تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز توغرىلاشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، دىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ياڭ چېڭ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا ئۆگىنىشكە قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章