تيەنجىن شەھىرىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش

时事   2024-12-17 18:50   新疆  

تيەنجىن شەھىرىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرى ۋىلايىتىمىزگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ،

 ۋىلايىتىمىزنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى

ۋىلايـەتلىك يـۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىرلار گۈلھايات، ئابلىكىم)    12 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە، تيەنجىن شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىدارىسى، تيەنجىن شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى ۋىلايىتىمىزگە كېلىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تـەرەققىياتـى ئۈچۈن چارە ـ تەدبىر كۆرسەتتى.

12 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى خوتەن ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىگە كېلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كەسپىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. تيەنجىن شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يىڭ، تيەنجىن شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى كەسپىي ساغلاملىق ئورنىنىڭ باشلىقى زېڭ چياڭ قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كەسپىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ دەرس ئۆتتى. تەربىيەلەش ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ۋىلايەت بويىچە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتى قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلەندى.

تەربىيەلەش مەزگىلىدە، مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى يەنە ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار بۆلۈم - ئىشخانىلىرىغا كېلىپ، تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى. مۇتەخەسسىسلەر نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ۋىلايىتىمىزنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تەكلىپ بەردى ۋە تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋىلايەتلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، تيەنجىننىڭ ئىلغار تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، ئۆز ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى يەنە خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى، چىرا ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئىگىلىدى.

(تەرجىمە قىلغۇچى: گۈلباھار مەتتۇرسۇن)

مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章