ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شېن جىنخې، جاڭ ياخۇي، خۇ لىجېڭ
سۈرەتتە: لوپ ناھىيەسىدىكى كۆلىمى 220 مىڭ مو كېلىدىغان 500 مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى جىددىي ئىشلەنمەكتە (11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى
خوتەندە مۇنداق بىر قوشاق بار: «خوتەن خەلقى جاپا تارتىدۇ، كۈندە ئىككى سەر توپا يەيدۇ، كۈندۈزى يەتمىگەندەك كېچىسىمۇ تولۇقلايدۇ.» تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان خوتەندە ئىلگىرى چۆللەشكەن ۋە قۇملاشقان يەرلەر بىر مەھەل كېڭەيگەن، ھەتتا «قۇم - بوران شەھەرگە قىستاپ كېلىش»تەك ئەھۋال كۆرۈلگەنىدى. خوتەن مەملىكەت بويىچە چۆللىشىش خەۋپى ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى.
يەر ئاستى سۈيى بار جايلاردا قۇم بىئولوگىيەلىك تىزگىنلىنىدۇ، ئۇنداقتا يەر ئاستى سۈيى يوق، قۇم بارخانلىرى بىرقەدەر چوڭ جايلاردا، قۇمنى قانداق تىزگىنلەش كېرەك؟ قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئەندىزىسى مۇشۇ خىل شارائىت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى، قومۇش غولى قۇم تىزگىنلەشتىكى «ئۆتكۈر قورال»غا ئايلاندى، قۇم تىزگىنلىگۈچىلەر قـومۇش غولىدىن ئوت - چۆپ كاتەكچىسى ۋە ئېگىز قۇم توسۇقى ياساپ، قۇم - بوران بىلەن جەڭ قىلدى.
قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشتىن باشقا، ۋىلايىتىمىزنىڭ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، فوتو ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەشمۇ «گىرۋەكنى قاشالاش»تىكى بىر ياخشى ئۇسۇل بولۇپ قالدى.