جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ چۆل ـ باياۋان

时事   2024-12-09 19:53   新疆  

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ چۆل ـ باياۋان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكا ۋەزىپىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ۋىلايىتىمىزدە ئۆتكۈزۈلدى

چۆل ـ باياۋان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش

12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ چۆل - باياۋان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا ۋەزىپىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ۋىلايىتىمىزدە ئېچىلدى. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۈنخەي فوتوسى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرمـا تـاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىرلار جاڭ يۈنخەي، ئابابەكرى) 12 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ چۆل ـ باياۋان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكا ۋەزىپىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ۋىلايىتىمىزدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن «پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، چۆل - باياۋان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋىلايىتىمىزگە جەم بولۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ چۆل - باياۋان رايونلىرىدىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا، تەرەققىيات يولى ۋە قوللىنىش ئىستىقبالى ئۈستىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋۇ كۇڭمىڭ، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ چېن، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكـى ـ يېزا نـازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ئەخمەت مەمەت ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ۋۇ كۇڭمىڭ تەبرىك سۆزى قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ رايونى، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول، زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. كېيىنكى قەدەمدە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قۇملۇق ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولغان قۇملۇق ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا توپلاشتۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك ئەندىزە بەرپا قىلىش كېرەك. قۇملۇق ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قۇملۇق ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك قوللاش كېرەك.

ليۇ چېن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمىگە ۋاكالىتەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋىلايىتىمىزگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ۋىلايىتىمىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ۋىلايىتىمىزدە قۇملۇق ۋە چۆللۈك %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بايلىقى مول، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى ئاز، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ۋىلايىتىمىزگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، قۇملۇق ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى؛ شۇنداقلا ئالاقىدار تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى كۆلەملەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

ئەخمەت مەمەت مۇنداق دېدى: «ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش،   يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كەسىپكە ئايلاندى، مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىمىز».

سەنشى يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شۈ مىڭگاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جاڭ دۇڭشېڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

(تەرجىمە قىلغۇچى: گۈلباھار مەتتۇرسۇن)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章