شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق

时事   2024-12-09 19:53   新疆  

شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئارمىيەمىزنىڭ تور ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

12 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ 1 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىدىكى بارلىق ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ 1 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىدىكى بارلىق ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرچ ـ مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، قىسىمنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئارمىيەمىز تور ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى ئارمىيە قىسىم تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەش ئىسلاھاتىدا يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئىستراتېگىيەلىك قىسىم تۈرى بولۇپ، شى جىنپىڭ بۇ يىل 4 ـ ئايدا ئۆزى بىۋاسىتە ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىغا ئارمىيە بايرىقى بەردى ھەم تەلىم سۆزى قىلدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى ئورگىنىغا كېلىپ، قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ 1 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە ھەربىي ئىنقىلاب ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئۇرۇش ھالىتى تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، تور ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدىكى ئورنى، رولى مىسلىسىز گەۋدىلەندى. ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى ئالدى بىلەن بىر جەڭگىۋار قوشۇن، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تور ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، زىممىسىگە ئالغان تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى ئېنىق تونۇپ، تور ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ـ تىرەك بولۇش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پائال ئىزدىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تور ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. دىققەتنى ئۇرۇش قىلالايدىغان، غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇچۇر مۇلازىمىتى كاپالىتىنىڭ شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تور ئۇچۇر ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى يۇغۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تور ئۇچۇر بىخەتەرلىكى بويىچە مۇداپىئەلىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىستېمىغا سىڭىشىش، سىستېمىغا تۈرتكە بولۇش، سىستېمىغا كۈچ قوشۇشنى تېزلىتىپ، قوماندانلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، جەڭ قىلىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەتلەرنى يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالاقىدار نىزام ـ تۈزۈملەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق پايدىلىنىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ياخشى ئېكولوگىيە يارىتىپ، تور ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى دەسلەپكى قۇرۇلۇش مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قىسىمنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە يىلتىزى مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىدىيە جەھەتتە ئىستىل تۈزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى قاتتىق تۇتۇپ، قىسىمنىڭ مۇتلەق سادىق، مۇتلەق پاك، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى نەتىجە يارىتىش ئېڭى ۋە يول ئېچىش روھىنى كۈچەيتىپ، باش ۋەزىپە، باش مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى بەنزىلىرىنى دەل جايىدا تاللاپ ۋە كۈچلۈك سەپلەپ، بىرىنچى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋە بىرىنچى سەپ جەڭگىۋار قورغىنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى، تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. پۈتۈن زەنجىرلىك قۇرۇلۇشنى تۇتۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن تور ئۇچۇر ئىختىساسلىقلىرى سېپىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. قۇرۇلۇشنى دەل جايىدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، قىسىمنىڭ مۇنتىزىم تەرتىپى ۋە بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ساقلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى ئورۇنلار پائال ماسلىشىپ ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنى ياخشى قۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ تور ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

جاڭ يوۋشيا، خې ۋېيدۇڭ، ليۇ جېنلى، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章