首页
时事
民生
政务
教育
文化
科技
财富
体娱
健康
情感
更多
旅行
百科
职场
楼市
企业
乐活
学术
汽车
时尚
创业
美食
幽默
美体
文摘
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
时事
2024-12-16 18:31
新疆
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، لى چياڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى يىغىنغا قاتناشتى
12 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى
شيې خۇەنچى
فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى يىغىنغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە 2024 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، 2025 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. لى چياڭ خۇلاسە سۆزى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل. تاشقى بېسىم كۈچىيىۋاتقان، ئىچكى قىيىنچىلىق كۆپىيىۋاتقان مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سالماقلىق بىلەن ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللاندى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر پات ئارىدا ئوڭۇشلۇق تاماملىنىدۇ. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش سىجىل چوڭقۇرلاشتى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىش تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك بولدى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى پۇختا، كۈچلۈك بولدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاندى. بىر يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇساپىسى ناھايىتى ئالاھىدە بولدى، نەتىجىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، بولۇپمۇ 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەتلىرى كەسكىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن، جەمئىيەت ئىشەنچى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇلۇپ، ئىقتىساد كۆرۈنەرلىك قايتا ئۆرلىدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىر چوڭقۇرلاشماقتا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى يەنىلا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ئاساسلىقى ئىچكى ئېھتىياج يېتەرلىك ئەمەس، قىسمەن كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتى قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتا، ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەر يەنىلا بىرقەدەر كۆپ بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن شۇنى كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى مۇقىم، ئەۋزەللىكى كۆپ، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتىكى تىرەك شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى. بىز قىيىنچىلىقلارغا توغرا قاراپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ ھەرقايسى جەھەتتىكى ئاكتىپ ئامىللارنى تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئەمەلىيەت داۋامىدا، بىز ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ئاچقۇچلۇق پەيت، مۇھىم تۈگۈنلەردە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتكە دەل ۋاقتىدا ھۆكۈم قىلىپ، تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. جەزمەن ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ھەم «قويۇۋېتىپ جانلاندۇرىدىغان»، ھەم «باشقۇرغىلى بولىدىغان» ئىقتىسادىي تەرتىپنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جەزمەن ئومۇمىي تەمىنات بىلەن ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. جەزمەن يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈش بىلەن كونا قۇۋۋەتنى يېڭىلاشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. جەزمەن ئاشۇرۇلما مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. جەزمەن سۈپەتنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئومۇمىي مىقدارنى زورايتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆي بازىرى ۋە پاي بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر ۋە تاشقى زەربىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنداپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كېلەر يىلى ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، خەلقئارا كىرىم - چىقىمنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشىنى ساقلاپ، ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ماس قەدەمدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: كېلەر يىلى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇپ، ماسلىشىپ - ھەمكارلىشىپ، سىياسەت قورال ساندۇقىنى تولۇقلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. مالىيە قىزىل رەقىمى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، مالىيە سىياسىتىنىڭ سىجىل كۈچىشىگە، تېخىمۇ مەدەت بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مالىيە چىقىمىنىڭ سىجىللىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەر كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم تارقىتىشنى كۆپەيتىپ، «ئىككى مۇھىم» تۈر ۋە «ئىككى يېڭى» سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا سىجىل مەدەت بېرىش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تۈر زايومىنى تارقىتىش ۋە ئىشلىتىشىنى كۆپەيتىپ، سېلىنما ساھەسى ۋە تۈر دەسمايىسى قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. مالىيە چىقىمى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.
مۇۋاپىق كەڭ پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. پۇل سىياسىتى قورالىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت قوش ئىقتىدارنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئۆلچەمنى، ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىپ، يۆتكىلىشچانلىقىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى، پۇل تەمىنات مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ كۆزلىمە نىشانى بىلەن ماسلاشتۇرۇش كېرەك. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. مەركىزىي بانكىنىڭ ماكرولۇق ئېھتىياتچان بولۇش ۋە پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پۇل مۇئامىلە قورالىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.
سىياسەت «بىرىكمە تەدبىرى»نى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. مالىيە، پۇل، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ، رايون، سودا، مۇھىت قوغداش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق سىياسەت ۋە ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تارماقلار ئارا ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇش، كېڭىشىپ قايتما ئىنكاس قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت بىرىكمە كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىقتىسادىي سىياسەت ۋە غەيرىي ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى ماكرو سىياسەت يۈزلىنىشى بىلەن بىردەكلىكىنى باھالاش دائىرىسىگە بىرتۇتاش كىرگۈزۈپ، سىياسەت تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىياسەتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق بېكىتىلدى: كېلەر يىلى تۆۋەندىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.
بىرىنچى، ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، سېلىنما ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىش كېرەك. ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىكلەر توپىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يۈكىنى يېنىكلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمال ئىقتىدارى، ئارزۇسى ۋە قاتلام - دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرۈش، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە مالىيە ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ دائىرىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، كۆپ خىللاشقان ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادى، قار - مۇز ئىقتىسادى، ياشانغانلار ئىقتىسادىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن «ئىككى مۇھىم» تۈرنى قوللاش كېرەك. مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش كېرەك. مالىيە بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى ئارقىلىق جەمئىيەت سېلىنمىسىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. «15 - بەش يىل»دىكى چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى بالدۇر پىلانلاش كېرەك. شەھەرنى يېڭىلاشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك.
ئىككىنچى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۇل تەتقىقات ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ھالەتنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تاقەتچان كاپىتالنى زورايتىپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن جەمئىيەت كاپىتالىنى ئىگىلىك تىكلەش، مەبلەغ سېلىشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىلدۈرۈش كېرەك. «ئىچكى قىسىمدا رىقابەتلىشىش شەكلى»دىكى رىقابەتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەپ، يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. رەقەملىك تېخنىكا، يېشىل تېخنىكىنى پائال قوللىنىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بەلگە خاراكتېرلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنداپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى چىقىرىش كېرەك. كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى كۆرسەتمىسى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مالىيە - باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، يەرلىكنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان مالىيە كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كاپىتال بازىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغنىڭ بازارغا كىرىشىدىكى بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، كاپىتال بازىرى تۈزۈمىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
تۆتىنچى، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش بىلەن يەككە تەرەپلىك ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك كېڭەيتىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا كېڭەيتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى بويىچە ھوقۇق بېرىشىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ يادرولۇق سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مۇلازىمەت سودىسى، يېشىل سودا، رەقەملىك سودىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تېلېگراف، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئېچىۋېتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىپ، «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش» ماركىسىنى سىجىل يارىتىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇر، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت سىرتى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
بەشىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ تۆۋەنلەشتىن توختاپ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىگە سىجىل كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەر ۋە خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، مۇتلەق ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىش كېرەك. ئۆي - زېمىن كەسپىدە ئىشلىتىلىدىغان يەر بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېڭىدىن كۆپىيىشىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەپ، ساقلانما يەرلەر ۋە سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۆيلەرنى جانلاندۇرۇپ، ساقلانما تاۋار ئۆيلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۆي - زېمىن كەسپىدە تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئالاقىدار ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈملەرنى تەرتىپلىك بەرپا قىلىش كېرەك. يەرلىكتىكى ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى پۇختا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. مەركەز بىلەن يەرلىك ماسلىشىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش كېرەك.
ئالتىنچى، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىش كېرەك. ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلار ۋە ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايونلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوغداپ، ئاشلىق باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ناھىيەنى كۈچەيتىش، خەلقنى بېيىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كېڭەيتىش كېرەك. زامانىۋى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پەۋقۇلئاددە چوڭ، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنى زامانىۋى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
يەتتىنچى، رايون ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى زورايتىپ، رايون تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، رايون زور ئىستراتېگىيەسى، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنىڭ گىرەلەشمە ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى پائال يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەۋزەل رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلەرنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىغا مەدەت بېرىپ، باشقا رايونلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي، شەرقىي شىمال رايونلىرىنىڭ كەسىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادى ۋە قولتۇق رايونى ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
سەككىزىنچى، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، يېشىل ئىمارەت قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك جېڭىدە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. بىر تۈركۈم نۆل كاربونلۇق باغچە رايونلىرىنى قۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە كاربون بازىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەھسۇلات كاربون ئىزىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى، كاربون بەلگىسىنى دەلىللەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈش كېرەك. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش زور قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
توققۇزىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپ، شەھەر - يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوللاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق يار - يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ يۈزبەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تەكشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك تولۇق كۇرس سىغىمىنى كېڭەيتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. داۋالاش - ساقلىق ساقلاش جەھەتتە ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، تۇغۇتنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى تۈزۈش كېرەك. مەھەللە قوللايدىغان ئائىلىدە تۇرۇپ كۈتۈنۈشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى سىستېمىلىق تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەم چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەم قىيىنچىلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، سەگەكلىكنى ساقلاش كېرەك. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۈزلىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، نىشان يېتەكچىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە مال باھاسىنىڭ مۇۋاپىق ئۆرلىشىنىڭ سەرخىل بىرىكتۈرۈلۈشىنى كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ سىياسەت يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، پۇرسەتنىڭ سالمىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ بالدۇر ئىشلىگىلى بولىدىغانلىرىنى بالدۇر ئىشلەپ، چىڭ ۋە ئەمەلىي تۇتۇپ، يېتەرلىك سالماققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ سىستېمىلىق تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك سىياسەت ۋە ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنىڭ ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەتنىڭ ئۈنۈمىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تاماملاپ، ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىقتەك گەۋدىلىك تۈگۈنگە قارىتا، ئىچكى ئېھتىياجنى، بولۇپمۇ ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك؛ تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق توسالغۇ ۋە تاشقى خىرىسقا قارىتا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك؛ كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسىگە قارىتا، كونا - يېڭى قۇۋۋەتنىڭ تەكشى، مۇقىم، داۋاملىق ئالمىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ كارخانا تىجارىتىدىكى كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئىلتىماس - تەلەپلەرگە قارىتا، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك؛ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرگە قارىتا، خەۋپ - خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشقا سىجىل كۈچەش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان بىرىكمە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنى باغلاقتىن بوشىتىپ، يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان كادىرلارنى ئىش قىلىش، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاپ، ئادىل، ھەققانىي بازار مۇھىتىنى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ساقلاش كېرەك. راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەرگە ئىپادە بىلدۈرۈشكە بېرىلىپ كېتىدىغان، تۆۋەندىكىلەرگە مەسئۇل بولمايدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئويلاشمايدىغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇش كېرەك. ماس ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، تار مەھكىمىچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كۆزلىمە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى يولغا قويۇش ۋە كۆزلىمە يېتەكچىلىكىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەتنىڭ يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالى، جەمئىيەت ئەھۋالىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى ياخشى تۈزۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلنىڭ بېشىدىكى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە خەۋپسىزلىك، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك زىددىيەت، ماجىرالار ھەم يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرلەرنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتايلى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى قىسمەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەنبە:
شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر:
نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى:
ئەنۋەر ئابلىمىت
和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
最新文章
پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار
شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلارسىغىمچانلىقى
ۋىلايىتىمىزدىكى كادىرلار،ئامما مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ
خوتەننىڭ مەدەنىيەت-ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى چۇڭچىڭدا
خوتەننىڭ مەدەنىيەت-ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش خادىمى گۈزەل خوتەننى
تيەنجىن شەھىرىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش
دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش دەرسخانىسى42-قىسىم
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
شى جىنپىڭ ئاۋمېنغا بېرىپ ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ
دۆلىتىمىز ئىقتىساد پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى
دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ
ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالار (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئاچتى
ۋىلايىتىمىزدە«جەنۇبىي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش.خوتەنگە رىشتە باغلاش
بېيجىڭ شەھىرى كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە تۈرتكە
ئىسلاھات ـ تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى جاسارەت بىلەن ئېچىش كېرەك
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۇڭفاڭ ئېلېكتىر گۇرۇھى بىلەن
شاڭخەيدە ئۇچرىشىش خوتەندە جەم بولۇش
خوتەن سىزنى كوئېنلۇن تېغىغا كېلىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىشقا،
ۋىلايىتىمىزدە تۇنجى تۈركۈمدىكى 10 تۆۋەن ناترىيلىق تۇز ئىشلىتىش
قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسى 22 مىڭ مو قۇملۇق يەرنى تۈزلىدى
ئون ئالتە يىل جاپالىق ئىشلەپ قۇملۇقنى تۈزلەپ باغ بەرپا قىلىپ
شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي
شى جىنپىڭ ئاساسلىق خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى
ئاپتونوم رايوننىڭ 4 - مەيدان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم
ۋىلايىتىمىز 56 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى،كېلىشىم سوممىسى69مىليارد
شاڭخەيدە ئۇچرىشىش خوتەندە جەم بولۇش
دۆلەت يولى 315 ـ لىنىيەسىنىڭ لوپ - قاراقاش بۆلىكى قۇرۇلۇشى
دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش دەرسخانىسى41-قىسىم
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى
يېشىللاشتۇرۇش بىلەن بېيىتىشنى تەڭ يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى قىياپەتنى
گۇما ناھىيەسىنىڭ400مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت تۈرىنى تولۇق سىغىملىق
خوتەن ناھىيەسى تەييارلىغان ئۇسسۇل تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ
ۋىلايىتىمىزنىڭ پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپـى جانلاندى
ئۇ مەملىكەتلىك ئاشپەزلىك ماھارىتى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا
يولداش شى جىنپىڭنىڭ «خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى
تىيانشان ناملىق نۆۋەتچى پويىز بۇ يىل 12 مىليارد 500 مىليون
ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ۋە ئاممىنى قىش پەسىللىك
چېۋەر قوللار بىلەن «يېشىل شارپا»توقۇش
قۇياش نۇرى پارلىغان ئىللىق قىشتىكى خوتەن كاۋاپ پەسلى ئاساسىي
ۋىلايىتىمىزدە نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى كەسپىي كومىتېتى
ئېكولوگىيە سىجىل ياخشىلىنىپ، قۇملۇقتا ئۆستۈرۈلگەن چىلاندىن مول
شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
ما شىڭرۇي بىخەتەرلىك،مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا
ما شىڭرۇي فۇكاڭ، ۋۇجياچۈگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ چۆل ـ باياۋان
分类
时事
民生
政务
教育
文化
科技
财富
体娱
健康
情感
旅行
百科
职场
楼市
企业
乐活
学术
汽车
时尚
创业
美食
幽默
美体
文摘
原创标签
时事
社会
财经
军事
教育
体育
科技
汽车
科学
房产
搞笑
综艺
明星
音乐
动漫
游戏
时尚
健康
旅游
美食
生活
摄影
宠物
职场
育儿
情感
小说
曲艺
文化
历史
三农
文学
娱乐
电影
视频
图片
新闻
宗教
电视剧
纪录片
广告创意
壁纸头像
心灵鸡汤
星座命理
教育培训
艺术文化
金融财经
健康医疗
美妆时尚
餐饮美食
母婴育儿
社会新闻
工业农业
时事政治
星座占卜
幽默笑话
独立短篇
连载作品
文化历史
科技互联网
发布位置
广东
北京
山东
江苏
河南
浙江
山西
福建
河北
上海
四川
陕西
湖南
安徽
湖北
内蒙古
江西
云南
广西
甘肃
辽宁
黑龙江
贵州
新疆
重庆
吉林
天津
海南
青海
宁夏
西藏
香港
澳门
台湾
美国
加拿大
澳大利亚
日本
新加坡
英国
西班牙
新西兰
韩国
泰国
法国
德国
意大利
缅甸
菲律宾
马来西亚
越南
荷兰
柬埔寨
俄罗斯
巴西
智利
卢森堡
芬兰
瑞典
比利时
瑞士
土耳其
斐济
挪威
朝鲜
尼日利亚
阿根廷
匈牙利
爱尔兰
印度
老挝
葡萄牙
乌克兰
印度尼西亚
哈萨克斯坦
塔吉克斯坦
希腊
南非
蒙古
奥地利
肯尼亚
加纳
丹麦
津巴布韦
埃及
坦桑尼亚
捷克
阿联酋
安哥拉