يېشىللاشتۇرۇش بىلەن بېيىتىشنى تەڭ يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى قىياپەتنى

时事   2024-12-11 19:09   新疆  

يېشىللاشتۇرۇش بىلەن بېيىتىشنى تەڭ يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلىش

ـــــ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر (4)

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ يۇڭ، خۇلىجېڭ

شىنجاڭ شېڭشى خۇاچياڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەيدىغان پارنىكىدىن بىر كۆرۈنۈش (بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەت). ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

قۇم دېڭىزىنىڭ ئىچكىرىسىدە، قۇم بارخانلىرى ئۈستىدە ئۆسكەن يۇلغۇن كۆچەتلىرى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى؛ رەتلىك قۇراشتۇرۇلغان فوتوۋولت تاختىلىرى كۆز يەتكۈسىز كۆك رەڭلىك «دېڭىز»نى ھاسىل قىلغانىدى؛ چوقچىيىپ تۇرغان تۇتاش كەتكەن قۇم بارخانلىرىدا، قۇم تىزگىنلىگۈچىلەر ئوت ـ چۆپ كاتەكچىسى ياساۋاتاتتى...

ئىلگىرىكى قۇم ـ بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان جايلاردا، بۈگۈنكى كۈندە ئورمان بىلەن ئېتىزلار گىرەلىشىپ، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تارىلىپ، ئېكولوگىيە ساياھىتى گۈللەندى؛ بىپايان قۇم دېڭىزىدا پارنىكلار قۇياش نۇرىدا ئاجايىپ ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى، پەن - تېخنىكىنىڭ تۈرتكىسىدە، پارنىكتىكى پەسىلسىز كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەر مول ھوسۇل بەرگەنىدى؛ نۇرغۇن دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلار بۇ يەردە ماكانلاشتى ... ھەربىر تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئېكـولوگىيەلىك مـۇھىتنى ياخشىلاپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش ئاساسىنى مـۇستەھكەملەپ، خوتەندىكى ھـەر مىللەت ئاممىنـى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغدىن بايلىققا ئېرىشتۈرۈپ، يۇرت - ماكـانىنى قـوغداپ، يېشىـل كەلگۈسىنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

يېقىنقـى يىللاردىن بـۇيان، ۋىلايىتىمىز شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇردى .«قۇملۇق گىرۋىكىنى قاشالاش، بوستانلىقنى تۇتاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش»نى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك كاپالەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەيتتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە قۇملاشقان يەر 2 مىليون 322 مىڭ 700 مو ئازىيىپ، بوستانلىقنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %30تىن كۆپرەككە يېتىپ، ئوتلاقنىڭ ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى مۇقىم ھالدا % 39.47 بولدى. ۋىلايىتىمىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلاش بىلەن بىللە، قۇملۇقتىن يەر، كەسىپ، ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغان ئېكولوگىيەنى تۈزەش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭى يولنى تېپىپ چىقتى.

بۇ يىل، خوتەندىكى قۇش تاماشا قىلىش ھەۋەسكارى چېن ۋېنجيې خوتەندە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق قۇش تۈرىدىكىلەرنىڭ سىماسىنى، ھەتتا تۈر توپى سانى ناھايىتى كۆپ قۇش تۈرىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى. چېن ۋېنجيې مۇنداق دېدى: «6 - ئايدا، مەن قۇشلار ئىچىدىكى چوڭ مۈشۈكئېيىق دەپ ئاتىلىدىغان قارا لەيلەكنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم، 11 ـ ئايدا، ئەتىۋارلىق قۇش قىزىل پوكان قارا ياۋا غاز ۋە كۈل رەڭ تۇرنىنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشىلاندى، بارغانسېرى كۆپ ئەتىۋارلىق قۇش تۈرلىرى خوتەنگە كېلىپ ماكانلىشىپ قىشلىدى».

بارغانسېرى كۆپ ئەتىۋارلىق قۇش تۈرلىرى كەينى - كەينىدىن پەيدا بولدى، بۇنى كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتقان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتە، ۋىلايىتىمىزدە ياۋايى قۇشلار تۈرى 300 خىلدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان قۇش تۈرى تەخمىنەن 70 خىلغا يەتتى. ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ئابلەت مەمەت مۇنداق دېدى: «قۇشلار سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدىغان بارومېتىر، ھەر يىلى خوتەنگە كېلىپ قىشلايدىغان پەسىل قۇشلىرىنىڭ سانى ۋە تۈر توپىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى خوتەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. رەت - رەت يېشىل ئورمان بەلباغلىرى ئۈزلۈكسىز ئۇزاردى ھەم تەدرىجىي كۆپەيدى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئارقىسىدا، بۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆچەت تىكىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلەپ، چۆللۈكتىكى قۇم - بوران بىلەن نەچچە ئون يىل جەڭ قىلىپ، قۇمنى توسۇپ يېشىللىق مۆجىزىسىنى بەرپا قىلغانلىقىدەك بىر ھېكايە بار».

بۇ يېشىللىق مۆجىزىلىرى يۈز بېرىش بىلەن بىللە، خوتەندىكى قۇم تىزگىنلىگۈچىلەر قۇم كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى ئىجادىي بىرلەشتۈرۈپ، قۇملۇقتىن ئىقتىسادىي ئۈنۈم، جەمئىيەت ئۈنۈمى ياراتتى، بارغانسېرى كۆپ ئامما قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، قۇملۇقنى يېشىللاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمىنى كۆپەيتىش، ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت كۆپ خىل نىشان ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

نىيە ناھىيەسى نىيا دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ئارقا دەريا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قـۇم تىزگىنلەش رايونىدىكى بىر چىلانلىق باغدا، چىلان دەرەخلىرى خۇددى يېشىل توسۇققا ئوخشاش قۇم - بوراننى توسۇپ تۇراتتى. ھوسۇل ئالىدىغان پەسىلدە، چىلانلىق باغنىڭ ئىگىسى چۈ رۈيچاۋ دېھقانلارنى تەشكىللەپ تەرگەن يېڭى چىلانلارنى بېيجىڭ، شـاڭخەي، گـۇاڭجوۋ قـاتارلىق شەھەرلەرگە ساتتى.

چۈ رۈيچاۋ مۇنداق دېدى: «2012 - يىلى بۇ يەرگە كەلگەن چېغىمدا، ئارقا دەريادا قۇم ـ بوران ھۇشقۇيتۇپ مۇھىت ئىنتايىن ناچار ئىدى، مۇشۇ يىللاردا ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق، چىلانلىق باغنىڭ كۆلىمى تەرەققىي قىلىپ 1000 موغا يەتتى، يىللىق ساپ كىرىم 4 مىليون يۈەندىن ئاشتى، بۇ يەر يەنە ئاممىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىدىغان باغقا ئايلىنىپ، ئېكولوگىيە بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن قوش پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى».

12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، تاڭ ئەمدىلا يورۇشىغا، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسى تاۋغاز كـەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئېزىز مەتروزى بۇ يىل يېڭىدىن ئېچىلغان قۇملۇققا كەلدى.

بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن ئېزىز 2009 ـ يىلىلا دادىسىغا ئەگىشىپ يۇلغۇن تىكىپ توشقانزەدىكى ئۆستۈرگەنىدى، قۇم تىزگىنلەش ئۈنۈمى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئېزىز 2014 ـ يىلى باش بولۇپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، بۇ يىل يەنە قۇملۇقنى ئېچىپ، 150 مىڭ تۈپ سۆكسۆك، يۇلغۇن تىكتى.

ئېزىز مۇنداق دېدى: «ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا جەمئىي 30 ئائىلىلىك يۇرتداش قوشۇلدى، مەن ئۇلارنى يېتەكلەپ بىللە بېيىيمەن».

قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش بىلەن قۇملۇق كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىشىغا يېڭى يول ئېچىلدى. دېھقانلار يۇلغۇن تىكىپ توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق قاقاسلىقنى كۆكەرتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ھەم سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بولۇش، ھەم بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2024 ـ يىلى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش كۆلىمى 214 مىڭ موغا يەتتى، ھەر مو يەرنىڭ ھوسۇلى 190 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 400 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى، ئۆستۈرۈش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىشتىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

قۇم تىزگىنلەشتە، ھۆكۈمەتكىلا تايىنىشقا بولمايدۇ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش جەريانىدا، بارغانسېرى كۆپ كارخانا بىرىنچى بولۇپ قاتنىشىپ، كارخانىنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، كارخانىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. قۇملۇقتا جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قۇملۇقتا شال ئۆستۈرۈش، قۇملۇقتا قىسقۇچپاقا بېقىش... قۇملۇق كەسپى ئاممىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتتى.

شىنجاڭ شېڭشى خۇاچياڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، نۆۋەتتە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەيدىغان پارنىكتىن 1000ى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تېرىقچىلىقى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسى كۆرگەزمىسى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى، ئۈزۈش، سەيلە ـ ساياھەت، سوغۇق ساقلاش ـ توشۇش قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىدى، ھازىر بۇ شىركەتتىكى ئىشچى 1300 نەپەردىن ئاشىدۇ، 5000دىن ئارتۇق كىشىنى ۋاسىتىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ لوپ ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مولۇق فوتوۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش تۈر بازىسى ھەر يىلى يېڭىدىن تەخمىنەن 3000 توننا قۇرۇق ئوت - چۆپ بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ 400 تۇياق كالا ياكى 5000 تۇياق قوينىڭ يەم - خەشەك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، دېھقانلار ۋە باقمىچىلىق كـارخـانىلىرىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە تۈرتكە بولدى.

2024 - يىلى  11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كېرىيە بۆلىكى «قاشالاپ» تۇتاشتۇرۇلۇپ، مۇكەممەل بىر توسۇق بەرپا قىلىندى، بۇ نىيە - لوپ تاشيولى، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى قاتارلىق قاتناش چـوڭ تـومـۇرىنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئاشۇردى.

11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، نىيە ناھىيەسىنىڭ قۇم تىزگىنلەش رايونى، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ كۆتۈرمە كۆۋرۈكىدە، پويىز خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قاراپ مېڭىۋاتاتتى، كۆتۈرمە كۆۋرۈك بۇ قۇم دېڭىزىدا مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، قۇم تىزگىنلىگۈچىلار يەنە شال پاخىلى، قومۇش قاتارلىق ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ئوت - چۆپ كاتەكچىسى ياساۋاتاتتى، كۆتۈرمە كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدە، ئوت - چۆپ كاتەكچىسى تەرتىپلىك ياسالغان بولۇپ، خۇددى لىنىيە بويىدىكى قۇملۇقنى چىڭ تىزگىنلەپ تۇرغان چوڭ تورغا ئوخشاش، بۇ قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتىدىغان پويىز يولىنى قوغداۋاتاتتى.

قۇم توسۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىش، تۇراقلاشتۇرۇش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈش پىكىر يولى بويىچە، تۆمۈريول، تاشيول بويىدىكى قۇم تىزگىنلىگۈچىلەر قۇم - بوراننىڭ تاشيول، تۆمۈريولغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، بۇ قاتناش چوڭ تومۇرلىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يول تورىنىڭ قۇم - بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

قۇملۇقتىن ئىقتىسادىي كىرىمگە ئېرىشىشتىن باشقا، بارغانسېرى كۆپ كىشى نەزەرىنى قۇملۇق ساياھەتچىلىكىگە ئاغدۇردى. خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى كوچا كەنتىدىكى ئارال - خوتەن تاشيول گىرۋىكىگە جايلاشقان خوتەن قۇملۇق توغراق ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونى كۆپلىگەن قۇملۇق مەنزىرىسىنىڭ ۋەكىلى، مەنزىرە رايونى ھازىر بار بولغان سۇلۇق يەر ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىستېمىسىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، قۇملۇقتا موتوسىكلىت ھەيدەش، ئات مىنىش، تۆگە مىنىش، قۇمدا سىيرىلىش، چېدىر شەكلىدىكى مېھمانساراي قاتارلىق ساياھەت قىلىش، ئويناش، يېمەك - ئىچمەك تۈرلىرىنى ئاچتى، ھەر يىلى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 50 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

كوچا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇمىجىت خېلىل مەنزىرە رايونىدىن خىزمەت تاپتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئىشىكىمىز ئالدىدىكى مەنزىرە رايونىدا شوپۇر بولدۇم، ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمەن. يېقىن ئەتراپتا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال».

شۇنىڭ بىلەن بىللە، لوپ ناھىيەسىدىكى يۈلۇڭۋەن قۇملۇق كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى لۇڭخۇ كۆلى ساياھەت رايونى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئېكولوگىيەلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيەسى، يېزا - كەنت ئىستىراھىتى، سەھرا تەسىراتى قاتارلىق خاس ساياھەت تۈرلىرىنى يېتىشتۈردى. قۇملۇق ساياھەتچىلىك كەسپى چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلدى، ساياھەتچىلەرنىڭ سانى يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى، ساياھەتتىن قىلىنغان كىرىم يىلدىن - يىلغا ئاشتى، قۇملۇق ساياھەتچىلىكى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.

ئىلگىرىكى بىپايان قۇملۇق بۈگۈنكى كۈندە ئۈمىدكە تولغان يېشىللىق تەرىپىدىن تەدرىجىي ئۆزگەرتىلمەكتە. خوتەن خەلقى قەتئىي ئىرادە ۋە ئېگىلمەس - سۇنماس غەيرىتى بىلەن قۇم تىزگىنلەش ئىشلىرىغا ئاتلاندى، كۆچەتلەر قۇم دېڭىزىدا يىلتىز تارتتى، رەت - رەت ئورمان بەلباغلىرى مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ، قۇملۇقنى يېشىللىققا ئايلاندۇردى، يېشىللاشتۇرۇشنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ. ھەربىر خوتەنلىككە ئايانكى «قاشالاپ» تۇتاشتۇرۇش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. ۋىلايىتىمىز قويۇق رەڭ بىلەن قۇم دېڭىزىنىڭ رەڭدار يېشىللىق يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، قۇملۇقتىن سىجىل نەپكە ئېرىشىپ، تەبىئەت بىلەن كۈچ سىنىشىپ، ھەقىقىي تۈردە قۇم دېڭىزىنى كەسىپلەر توپلاشقان «گۆھەر ماكان»غا ئايلاندۇرىدۇ، دۇنيا خوتەننىڭ قاقاسلىقتىن گۈللىنىشكە ئۆتۈشتەك ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولىدۇ.

(تەرجىمە قىلغۇچى: ئارزۇگۈل ئەنۋەر)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章