ئۇ مەملىكەتلىك ئاشپەزلىك ماھارىتى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا

时事   2024-12-11 19:09   新疆  

خوتەن ناھىيەلىك ئالىي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەردان مەمتىمىن

مەملىكەتلىك ئاشپەزلىك ماھارىتى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

سۈرەتتە: مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان يېمەكلىك ــ «شىنجاڭنىڭ ئۈچ گۆھىرىنىڭ بىرى بىھى»
سۈرەتتە: مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان يېمەكلىك ــ «شىنجاڭنىڭ يۇلغۇن زىخىدا پىشۇرۇلغان بېلىق كاۋىپى»

سۈرەتتە: مەردان مەمتىمىن ئاشپەزلىك ماھارىتى مۇسابىقىسىدە قورۇما تەييارلىماقتا. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ ئىختىيارىي مۇخبىرى لو يىڭ فوتوسى
ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر لو يىڭ) 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، «ليەنخې لىخۇا يېمەك - ئىچمەك تەييارلاش لوڭقىسى» 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاشپەزلىك ماھارىتى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى جېڭجوۋدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. خوتەن ناھىيەلىك ئالىي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەردان مەمتىمىن جۇڭگوچە قورۇما قورۇش ئۇستىلىرى مۇسابىقە تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

مەردان مەمتىمىن ئەنئەنىۋى ئاشپەزلىككە بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىشچانلىقىغا تايىنىپ تەييارلاپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان يېمەكلىك «شىنجاڭنىڭ ئۈچ گۆھىرىنىڭ بىرى بىھى»، «شىنجاڭنىڭ يۇلغۇن زىخىدا پىشۇرۇلغان بېلىق كاۋىپى» باھالىغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. خوتەن ناھىيەلىك ئالىي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۆزىگە شان - شەرەپ ئېلىپ كېلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەكتەپكە شان - شەرەپ ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە شىنجاڭ قورۇمىلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

مەردان مەمتىمىن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى مۇسابىقە مەن ئۈچۈن بىر قېتىملىق قىممەتلىك پۇرسەت بولدى، مەن كۆپ يىلدىن بۇيانقى ئۆگەنگەنلىرىم ۋە ئەمەلىي ماھارىتىمنى مۇسابىقە مەيدانىدا نامايان قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن مۇسابىقە جەريانىدىكى ھېس قىلغانلىرىم ۋە ئۆگەنگەنلىرىمنى ئوقۇتۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىي ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپ، يېمەك - ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشىمەن».

ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەتلىك ئاشپەزلىك ماھارىتى مۇسابىقىسى 1983 - يىلى باشلانغاندىن بۇيان، ھەر بەش يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يېمەك - ئىچمەك كەسپى بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ نوپۇزلۇق، قاپلاش دائىرىسى ئەڭ كەڭ كەسپىي مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ قېتىم جۇڭگو ئاشپەزلىك جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەش تېخنىكا يېتەكچىلىك مەركىزى، جۇڭگو مالىيە - سودا، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق، تاماكا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك كومىتېتى، جۇڭگو سودا بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان«ليەنخې لىخۇا يېمەك - ئىچمەك تەييارلاش لوڭقىسى» 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاشپەزلىك ماھارىتى مۇسابىقىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 2700دىن ئارتۇق ماھىرنى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

(تەرجىمە قىلغۇچى: سۇلتانمۇرات ئابلەت)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章