قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسى 22 مىڭ مو قۇملۇق يەرنى تۈزلىدى

时事   2024-12-13 18:58   新疆  

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسى 22 مىڭ مو قۇملۇق يەرنى تۈزلىدى

سۈرەتتە: 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار قۇملۇق يەرنى تۈزلىمەكتە. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ ئىختىيارىي مۇخبىرى نەبىجان فوتوسى
ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر نەبىجان) 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسىدىكى 22 مىڭ مو قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش مەشغۇلات نەق مەيدانىدا، 80دىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار مەشغۇلات قىلىپ قۇملۇق يەرنى تۈزلەۋاتاتتى.

ياۋا يېزىسىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇملۇق يەرنى تۈزلەش خىزمىتىدە بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسەت قىلىنغان. ھازىرغىچە، 10 مىڭ مودىن ئارتۇق قۇملۇق يەر تۈزلەندى، پۈتكۈل قۇرۇلۇشنىڭ 2025 - يىلى 2 - ئايدىن بۇرۇن تولۇق تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، تۈزلەنگەندىن كېيىنكى قۇملۇق يەردە يۇلغۇن قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ئۆستۈرۈلىدىكەن، بۇ ئۆسۈملۈكلەر بوراننىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئاھالىلەرگە ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان ياشاش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدىكەن.

(تەرجىمە قىلغۇچى: ئارزۇگۈل ئەنۋەر)

مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章