ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالار (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئاچتى

时事   2024-12-16 18:31   新疆  

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالار (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئاچتى

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىر خۇ لىجېڭ) 12 - ئاينىڭ  12 - كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالار (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 18 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مـەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيـۇروسى يىـغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ چېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، مەۋقەنى ۋىلايىتىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا چىڭ قادىلىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتۈن جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، زىچ ماسلىشىپ، بىرىكمە كـۈچ شـەكىللەندۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تـولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، خوتەنچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇش، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خامچوت باشقۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مالىيە - باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خوتەن ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، سىياسىي كېڭەش ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماق، ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى ئۆگىنىش يىغىنىغا قاتناشتى.

(تەرجىمە قىلغۇچى: پاتىگۈل ئوسمان)

مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章