«دۆلىتىمىز ئىقتىساد پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»
− 2024 ـ يىللىق مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىن خاتىرە
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى زوۋ ۋېي، خەن جيې
12 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنىدىن 12 ـ كۈنىگىچە، بېيجىڭ جىڭشى مېھمانخانىسىدا، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىلدا، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلغاندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى مۇھىم يىغىندا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى قانداق پىلانلاش پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.
ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرغان 2024 ـ يىلىنى ئەسلىسەك، جۇڭگو ئىقتىسادى شامالغا قارشى دولقۇن يېرىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، سىجىل ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمى تېخىمۇ پۇختا بولدى.
2025 ـ يىلىغا نەزەر سالساق، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىپ، يېڭى بەش يىللىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. خەۋپ ـ خەتەر، خىرىستىن قورقماي، تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو ئىقتىسادى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.
«دۆلىتىمىز ئىقتىساد پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، 2024 ـ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، 2025 ـ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئاچقۇچلۇق تۈگۈندە جۇڭگو ئىقتىسادىغا قارىتا ئاچقۇچلۇق كۆرسەتمە بەردى.
(1) سالماقلىق بىلەن ۋەزىيەتكە ماسلىشىش: «ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان ـ ۋەزىپىلەر پات ئارىدا ئوڭۇشلۇق تاماملىنىدۇ»
12 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 1 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى خۇلاسىسى يىغىنغا قاتناشقان يولداشلارنىڭ پىكرىنى بۇ بىر يىلدىن بۇيانقى قالتىس تەرەققىيات مۇساپىسىگە باشلاپ كىردى.
سالماقلىق بىلەن ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش 2024 ـ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ روشەن تەسۋىرى.
مۇھىت ۋە شارائىت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئۆزگەرمەكتە − يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دۇچ كەلگىنى «تاشقى بېسىم كۈچىيىۋاتقان، ئىچكى قىيىنچىلىق كۆپىيىۋاتقان مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت».
پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى «ئالدىنقى مەزگىلدە يۇقىرى بولدى، ئوتتۇرا مەزگىلدە تۆۋەنلىدى، ئاخىرقى مەزگىلدە ئۆرلىدى» − 1 ـ پەسىلدە باشلىنىش ياخشى بولدى، 2 ـ ، 3 ـ پەسىلدە تۆۋەنلەش بېسىمى زورايدى، 9 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىكى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەتلىرى كەسكىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن، جەمئىيەت ئىشەنچى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇلۇپ، ئىقتىساد كۆرۈنەرلىك قايتا ئۆرلىدى.
ۋاقىت ۋە ۋەزىيەت كۆزىتىلىپ، مۇقىملىق ۋە ئىلگىرىلەش بىرتۇتاش پىلانلاندى. تېخىمۇ كۆپ يارقىن نۇقتىلار كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئىسپاتلىدى:
پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ۋە رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش قەدىمى تېزلىتىلدى؛
پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشتە پائال ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، تاشقى سودا ئېكسپورتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى زورايدى؛
ئۆي ـ زېمىن بازىرىدا پائال ئۆزگىرىش بولدى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ ـ خەتىرى، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ ـ خەتىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنماقتا ۋە باشقۇرۇپ ـ تىزگىنلەنمەكتە؛
ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى ۋە كېڭەيتىلدى، ئاشلىق ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭدىن ئاشتى، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى مۇقىملىقنى ساقلىدى...
«بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى يىغىن مەيدانى ئىچى ـ سىرتىدا كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى.
ھەم نەتىجىلەر تولۇق سۆزلەندى، ھەم مەسىلىلەر ئېنىق تىلغا ئېلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىر چوڭقۇرلاشماقتا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى يەنىلا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ئاساسلىقى ئىچكى ئېھتىياج يېتەرلىك ئەمەس، قىسمەن كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتا، ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە، يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتەر يەنىلا بىرقەدەر كۆپ بولماقتا.
«پەقەت ئىشەنچىمىز تۆۋەنلەپ كەتمىسىلا، ئامال ـ چارە ھامان قىيىنچىلىقتىن كۆپ.» سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىشەنچ» دېگەن سۆزنى نۇقتىلىق تەكىتلىدى.
ئىشەنچ بىر ئاساسىي ھۆكۈمدىن كەلگەن: «دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى مۇقىم، ئەۋزەللىكى كۆپ، ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتىن ئىبارەت تىرەك شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى».
ئىشەنچ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدىن كەلگەن − «ئەزەلدىن بوران ـ چاپقۇنلاردا چېنىقىش داۋامىدا تەرەققىي قىلغان، سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈش داۋامىدا زورايغان».
ئىشەنچ پارتىيەمىزنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىدىن كەلگەن.
بۇ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شەكىللەنگەن ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇش: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ئاچقۇچلۇق پەيت، مۇھىم تۈگۈنلەردە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتكە دەل ۋاقتىدا ھۆكۈم قىلىپ، تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىساد پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ئىقتىساد خىزمىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، چىگىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جەزمەن بىرقانچە مۇھىم مۇناسىۋەتنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك.
__ «جەزمەن ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ھەم <قويۇۋېتىپ جانلاندۇرىدىغان>، ھەم <باشقۇرغىلى بولىدىغان> ئىقتىسادىي تەرتىپنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك».
«ھۆكۈمەت قىلىدىغاننى قىلىشى، قىلمايدىغاننى قىلماسلىقى كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانى يىغىنغا قاتناشقان يولداشلارنى چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئۈندىدى:
قىلىدىغاننى قىلىش قانۇنچىل ئىگىلىك، ئىناۋەت ئىگىلىكىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، بازار قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەم باشلامچىلىق بىلەن قائىدىگە رىئايە قىلىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاش، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق بازار مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۈچەپ تۈزەپ، رىقابەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارنى تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرى ئادىل رىقابەتلىشىدىغان چوڭ سەھنىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك، دېگەنلىك.
قىلمايدىغاننى قىلماسلىق بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ پائالىيىتىگە نامۇۋاپىق ئارىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يەرلىك قورۇقچىلىق ۋە ئۆز ئالدىغا كىچىك ئايلىنىش قىلماسلىق كېرەك، دېگەنلىك.
يىغىنغا قاتناشقان بىر يولداش چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتى قانچە قېلىپلاشسا، بازارنىڭ رولى شۇنچە ئۈنۈملۈك بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. بۇ بىزگە چوڭقۇر ئىلھام بولدى، بىزنىڭ ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرىكىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بازار ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلدى».
«جەزمەن ئومۇمىي تەمىنات بىلەن ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك» «جەزمەن يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈش بىلەن كونا قۇۋۋەتنى يېڭىلاشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك» «جەزمەن ئاشۇرۇلما مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك» «جەزمەن سۈپەتنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئومۇمىي مىقدارنى زورايتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك»...
يىغىن مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىپ، چۈشەنچىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، تەسىراتلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، قىزغىن، چوڭقۇر، ئەمەلىي بولۇپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈردى، تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.
يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك مۇنداق قارىدى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى» ۋە «بەشنى جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاش» ھەم ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە «قانداق قاراش»تىكى بىلىش نەزەرىيەسى، ھەم ئىقتىساد خىزمىتىنى «قانداق ئىشلەش»تىكى مېتودولوگىيە بولۇپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچى قوشتى.
(2) مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش: «كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك»
«كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، <14 ـ بەش يىل>لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنداپ، <15 ـ بەش يىل>نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.» كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا توختالغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنداق تەكىتلىدى.
بوران ـ چاپقۇن، دولقۇن قانچە كۈچلۈك بولغانسېرى، ئىلمىي ئىدىيەنىڭ يول باشلىشىغا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىمىز.
«مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش»، يېڭى دەۋردىن بۇيان، پارتىيەمىز ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشتىكى بۇ مۇھىم پىرىنسىپقا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلدى.
بۇلتۇر مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش» ئاساسىدا، باش شۇجى بۇ قېتىم 2025 ـ يىللىق سىياسەت يۆنىلىشىنى يەنىمۇ چۈشەندۈردى − «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ماسلىشىش ـ ھەمكارلىشىش».
«بۇ 24 خەت مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتتى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلغانلىقى، ماركسىزملىق ماتېرىيالىستىك دىيالېكتىكىدا چىڭ تۇرغانلىقى ۋە ئۇنى تەتبىقلىغانلىقىنىڭ جانلىق نامايان قىلىنىشى.» يىغىنغا قاتناشقان بىر يولداشنىڭ تەسىراتى چوڭقۇر بولدى.
«مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» − ھازىرقى مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، «مۇقىملىق» بىلەن «ئىلگىرىلەش»نىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەش ئىنتايىن مۇھىم.
مۇقىملىق ئاساسى رىتىم. «مۇقىملىق»تىن ئىبارەت ئومۇمىيەتنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، «مۇقىملىق»تىن ئىبارەت ئاساسنى ياخشى تۇتقاندىلا، ئاندىن «ئىلگىرىلەش»كە ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت ياراتقىلى بولىدۇ.
يىغىندا «مۇقىملىق»نىڭ روشەن سىگنالى قويۇپ بېرىلدى: كېلەر يىلى ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلاپ، خەلقئارا كىرىم ـ چىقىمنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشىنى ساقلاپ، ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ماس قەدەمدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئۆي بازىرى ۋە پاي بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۆي ـ زېمىن بازىرىنىڭ تۆۋەنلەشتىن توختاپ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىگە سىجىل كۈچەپ تۈرتكە بولۇش، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە خەۋپسىزلىك، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش... «مۇقىملىق» بۇ يىلقى يىغىن ئورۇنلاشتۇرمىسىدا كۆپ قېتىم تەكرارلانغان سۆز بولدى.
ئىلگىرىلەش چوڭ يۆنىلىش. شىددەتلىك ئېقىن ۋە خەتەرلىك ساھىللارنى كېسىپ ئۆتۈپ، يېڭى ئۇلۇغۋار مۇساپىنى باشلاش «ئىلگىرىلەش» روھى ۋە كۈچىگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق.
تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان ماكرولۇق سىياسەت ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. مالىيە قىزىل رەقىمى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، مالىيە سىياسىتىنىڭ سىجىل كۈچىشىگە، تېخىمۇ مەدەت بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مۇۋاپىق كەڭ پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. پۇل سىياسىتى قورالىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت قوش ئىقتىدارنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مۇۋاپىق پەيتتە تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، يۆتكىلىشچانلىقنىڭ يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاش كېرەك...
يىغىندا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: كېلەر يىلى سىياسەت قورال ساندۇقى تولۇقلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش ـ تىزگىنلەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقى ئۆستۈرۈلىدۇ.
خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشتىكى «ئىلگىرىلەش» ئارقىلىق، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنىڭ «مۇقىملىق»ىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.
يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان كېلەر يىللىق توققۇز تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئىچىدە، «ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، سېلىنما ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىش» باش ئورۇنغا قويۇلدى.
ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ھەم پەرق، ھەم يوشۇرۇن كۈچ.
دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بۇ گەۋدىلىك مەسىلىنى چۆرىدەپ، يىغىندا بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى:
«ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ دائىرىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىش؛ مۇلازىمەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادى، قار ـ مۇز ئىقتىسادى، ياشانغانلار ئىقتىسادىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ شەھەرنى يېڭىلاشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش...
ھەربىر ئىشقا، ھەممە ئىشقا، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى يۈكلەنگەن، شۇنداقلا غايەت زور تەرەققىيات بوشلۇقى مۇجەسسەملەنگەن.
ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ھەم تاشقى زەربىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك يول، ھەم ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىشتىكى ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىر.
توققۇز تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئىچىدىكى «پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش»تا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «مۇقىملىق» بىلەن «ئىلگىرىلەش»نىڭ بىر ـ بىرىنى تولۇقلاپ، بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دىيالېكتىكىلىق بىرلىك مۇناسىۋىتى نامايان قىلىندى.
قانداق قىلغاندا يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟
يىغىندا مۇنداق سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى: ئۇل تەتقىقات ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، چوڭ ـ چوڭ پەن ـ تېخنىكا تۈرلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ھالەتنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش كېرەك...
«توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش» − «توغرىلىرىنى ساقلاش» بىلەن «يېڭىلىق يارىتىش»، «ئورنىتىش» بىلەن «بىكار قىلىش»نىڭ ئىچكى لوگىكىسىنى ياخشى ئىگىلەشتە، ئاچقۇچ كونا ـ يېڭى تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى تەكشى، داۋاملاشتۇرۇپ ئايلاندۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
«سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ماسلىشىش ـ ھەمكارلىشىش» − بۇ سىياسەت يۈزلىنىشىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا ـ قايتا تەكىتلىگەن «سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇش» مەركەزلىك نامايان قىلىندى.
مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، تۈرلۈك سىياسەتلەردە «بىرىكمە تەدبىر»نى ياخشى يولغا قويۇپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارغاندىلا، ئاندىن كۆپەيتكۈچى تەسىرنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
مالىيە، پۇل، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ، رايون، سودا، مۇھىت قوغداش، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش قاتارلىق سىياسەت ۋە ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش؛ ئىقتىسادىي سىياسەت ۋە غەيرىي ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى ماكرو سىياسەت يۈزلىنىشى بىلەن بىردەكلىكىنى باھالاش دائىرىسىگە بىرتۇتاش كىرگۈزۈپ، سىياسەت تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى بىرتۇتاش پىلانلاش...
يىغىننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدا سىياسەتنىڭ «ئەڭ دەسلەپكى بىر كىلومېتىر»دىن «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە جىپسىلىشىشى، ماسلىشىشى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سىياسەتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى.
بەلگە خاراكتېرلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، رايون ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى زورايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىش... كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلىنىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەلدى.
يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار مۇنداق بىلدۈردى: بۇ ئورۇنلاشتۇرمىلاردا ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، ھازىر ۋە كەلگۈسى ئىگىلىنىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىش ۋە تاشقى بوشلۇقنى كېڭەيتىشكە تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىدارە قىلىش ئەقىل ـ پاراسىتى تولۇق نامايان قىلىندى، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى يۆنىلىش تېخىمۇ ئېنىق، ئىشەنچ تېخىمۇ تولۇق بولدى.
(3) ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»
باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.
ئامما ئارىسىدىن كەلگەن، ئاساسىي قاتلامدا چېنىقىپ يېتىلگەن باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدىكى مۇھىم ھالقىلارنى چوڭقۇر بىلىدۇ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدىكى قىيىنچىلىقلارنىمۇ چوڭقۇر بىلىدۇ.
باش شۇجى ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنى باغلاقتىن بوشىتىپ، يۈكىنى يېنىكلىتىپ، «ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان كادىرلارنى ئىش قىلىش، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك»لىكىنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.
چىرىكلىك ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىدىكى توسالغۇ.
باش شۇجى ئىقتىسادىي ساھەدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىگە چىڭ قادىلىپ، «قەتئىي تەۋرەنمەي چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش» روشەن پوزىتسىيەسىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئادىل، ھەققانىي بازار مۇھىتىنى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگىلى بولىدۇ.
يىغىندا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: «راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەرگە ئىپادە بىلدۈرۈشكە بېرىلىپ كېتىدىغان، تۆۋەندىكىلەرگە مەسئۇل بولمايدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئويلاشمايدىغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك».
ھەرىكەت قىلغۇچىلاردىن بولۇش، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇش كېرەك. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار مۇنداق بىلدۈردى: جەزمەن زور كۈچ سەرپ قىلىپ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسى ۋە تەرەققىيات ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، يىغىندا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇش تەلەپ قىلىندى.
تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ سىستېمىلىق قۇرۇلۇش. باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «ماس ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، تار مەھكىمىچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك».
بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا، باش شۇجى خەلق تۇرمۇشى ھال ـ ئەھۋالىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، سەمىمىي ھالدا مۇنداق تاپىلىدى: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە خەۋپسىزلىك، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك زىددىيەت ـ ماجىرالار ھەم يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتەرلەرنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ھەقىقەت يولى ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم.
تاشقى قارشى شامالدىن قورقماي، تۈرلۈك خىرىسلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئۆز ئىشىمىزنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ئىستىقبالىغا يۈزلىنىپ، جۇڭگو ئىقتىساد پاراخوتى جاسارەت بىلەن يېڭى بىر مۇساپىنى باشلىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۆرسىتىپ بەردى:
«بىز قىيىنچىلىقلارغا توغرا قاراپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ ھەرقايسى جەھەتتىكى ئاكتىپ ئامىللارنى تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك».
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)